ئەبۇ نۇجەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، جۇھەينە قەبىلىسىدىن زىنادىن ھامىلىدار بولغان بىر ئايال رەسۇلۇللاھنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇ ئايال: «ئى ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبىرى! ماڭا شەرئى جازا تېگىشلىك بولدى، ئۇنى ئىجرا قىلغىن»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئادىمىنى چاقىرىپ: «ئۇنىڭغا ياخشىلىق قىلغىن، ئۇ بالىنى تۇغۇپ بولغاندا ئۇنى قېشىمغا ئېلىپ كەلگىن»، دېدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرى بويىچە قىلدى. ئۇ ئايال يەڭگىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ كىيىمىگە يۆگەلدى. ئاندىن چالما-كېسەك قىلىشقا بۇيرۇلدى. ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نامىزىنى چۈشۈردى. ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھقا: «ئى رەسۇلۇللاھ! زىنا قىلغان ئايالنىڭمۇ نامىزىنى چۈشۈرەملا؟»، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەقىقەتەن ئۇ ئايال شۇنداق تەۋبە قىلدىكى، ئەگەر ئۇنىڭ تەۋبىسى مەدىنە ئەھلىدىن 70 ئادەمنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەقسىم قىلىنسا، يېتىپ ئاشاتتى. ئۆز جېنىنى ئاللاھ تائالاغا ئاتىغان كىشىدىنمۇ ئارتۇق كىشىنى تاپالامسەن؟»، دېدى». hedisim.com (مۇسلىم 1696؛ رىيازۇس سالىھىن 22)
وعَنْ أبي نُجَيد – بضَمِّ النُّونِ وفتحِ الجيم – عِمْرانَ بنِ الحُصَيْنِ الخُزاعِيِّ : أنّ امْرَأةً مِن جُهَيْنَةَ أتَتْ رسولَ الله – ﷺ – وهِيَ حُبْلى مِنَ الزِّنى، فقالتْ: يا رسولَ الله، أصَبْتُ حَدًّا فَأقِمْهُ عَلَيَّ، فَدَعا نَبيُّ الله – ﷺ – وليَّها، فقالَ: «أحْسِنْ (١) إلَيْها، فإذا وضَعَتْ فَأْتِني» فَفَعَلَ فَأمَرَ بها نبيُّ الله – ﷺ – فَشُدَّتْ عَلَيْها ثِيابُها، ثُمَّ أمَرَ بِها فَرُجِمَتْ، ثُمَّ صَلّى عَلَيْها. فقالَ لَهُ عُمَرُ: تُصَلِّي عَلَيْها يا رَسُول الله وقَدْ زَنَتْ؟ قالَ: «لَقَدْ تابَتْ تَوْبَةً لَوْ قُسِمَتْ بَيْنَ سَبْعِينَ مِن أهْلِ المَدِينَةِ لَوَسِعَتْهُمْ، وهَلْ وجَدْتَ أفضَلَ مِن أنْ جادَتْ بنفْسِها لله – ؟!». رواه مسلم. (٢) (١) قال النووي: «هذا الإحسان له سببان: أحدهما: الخوف عليها من أقاربها أن تحملهم الغيرة ولحوق العار بهم أن يؤذوها، فأوصى بالإحسان إليها تحذيرًا لهم من ذلك.
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى