ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«جەننەتتە بىر بازار بار بولۇپ، جەننەت ئەرلىرى ھەر جۈمە كۈنى بۇ بازارغا كېلىدۇ. بۇ چاغدا شىمالدىن كەلگەن شامال ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى ۋە يۈزلىرىنى سىيپاپ ئۆتىدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ گۈزەللىكىگە گۈزەللىك قوشۇلىدۇ. جەننەت ئەرلىرى بۇ بازاردىن ئىلگىرىكىدىنمۇ بەك چىرايلىق \ قەددى-قامەتلىك بولۇپ كەتكەن ھالەتتە ئۆيلىرىگە قايتىشىدۇ. ئاياللىرى ئۇلارغا <ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تېخىمۇ بەك چىرايلىقلىشىپ كېتىپسىز> دېيىشىدۇ. ئۇلارمۇ ئاياللىرىغا «ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، بىز ئايرىلغاندىن كېيىن سىلەر تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپسىلەر» دەيدۇ. hedisim.com (مۇسلىم – جەننەت 2833؛ بەغەۋى – شەرھۇس سۇننە 15\227؛ سەھىھ ھەدىس) | mujtehid.com— فۇرقان دەۋەت مەركىزى