«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق…» ھەدىسىنىڭ شەرھى | ئىمام ئىبنى ھەجەر
مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى | mujtehid.com
ئەبۇ ئابدۇللاھ نۇئمان ئىبنى بىشىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن: پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. ھالال بىلەن ھارام ئارىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى بىلەلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلانسا، دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ. كىمكى شۈبھىلىك ئىشلارغا چۈشسە، ھارامغا چۈشىدۇ. بۇنداق كىشى بەئەينى ماللىرىنى كىرىشى چەكلەنگەن رايوننىڭ ئەتراپىدا ئوتلاتقان، ماللىرىنىڭ ئۇ رايونغا ھەر قاچان كىرىپ قېلىش خەتىرى بولغان پادىچىغا ئوخشايدۇ. بىلىڭلاركى، ھەر پادىشاھنىڭ كىرىشى چەكلىنىدىغان بىر رايونى بولىدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ يەر يۈزىدىكى چەكلەنگەن رايونى ئاللاھنىڭ ھارام قىلغانلىرىدۇر. بىلىڭلاركى، بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە، پۈتۈن بەدەن تۈزىلىدۇ. ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ. بىلىڭلاركى، ئۇ يۈرەكتۇر.» hedisim.com (بۇخارى 52؛ مۇسلىم 1599) عَنْ أَبِيْ عَبْدِ اللهِ النُّعْمَانِ بْنِ بِشِيْر رضي الله عنهما قَالَ: سَمِعْتُ رَسُوْلَ اللهِ ﷺ يَقُوْلُ: إِنَّ الحَلالَ بَيِّنٌ وَإِنَّ الحَرَامَ بَيِّنٌ وَبَيْنَهُمَا أُمُوْرٌ مُشْتَبِهَات لاَ يَعْلَمُهُنَّ كَثِيْرٌ مِنَ النَّاس،ِ فَمَنِ اتَّقَى الشُّبُهَاتِ فَقَدِ اسْتَبْرأَ لِدِيْنِهِ وعِرْضِه، وَمَنْ وَقَعَ فِي الشُّبُهَاتِ وَقَعَ فِي الحَرَامِ كَالرَّاعِي يَرْعَى حَوْلَ الحِمَى يُوشِكُ أَنْ يَقَعَ فِيْهِ. أَلا وَإِنَّ لِكُلِّ مَلِكٍ حِمَىً . أَلا وَإِنَّ حِمَى اللهِ مَحَارِمُهُ، أَلا وإِنَّ فِي الجَسَدِ مُضْغَةً إِذَا صَلَحَتْ صَلَحَ الجَسَدُ كُلُّهُ وإذَا فَسَدَت فَسَدَ الجَسَدُ كُلُّهُ أَلا وَهيَ القَلْبُ
شەرھى:
ئىمام ئىبنى ھەجەر ئەسقەلانى «فەتھۇلبارى»دا بۇ ھەدىسنى مۇنداق شەرھلىگەن:
* ھەدىستىكى «كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلمەيدىغان شۈبھىلىك ئىشلار بار» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
تىرمىزىدا «ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلمەيدىغان ئىشلار…» دەپ كەلگەن.
كۆپچىلىك ئىنسانلارنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بىلەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇلار دەل مۇجتەھىدلەردۇر. بۇنىڭغا بىنائەن، بىر ئىشنىڭ ھۆكمىنىڭ ھالال ياكى ھاراملىقىنى بىلەلمەسلىك مۇجتەھىد ئالىم بولمىغان كىشىلەرنىڭ ھالىتىدۇر.
- ھەدىستىكى «دىنىنى ۋە شەرىپىنى ساقلاپ قالىدۇ» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
يەنى، دىنىنى قۇسۇر ۋە كاملىقتىن، ئۆزىنى تەنقىدتىن ساقلاپ قالىدۇ. چۈنكى، شۈبھىلىك ئىشلاردىن ساقلىنىش سۈپىتى بىلەن تونۇلمىغان كىشى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ھەقتىكى تەنقىد-تەنبىھلىرىدىن ساقلىنالمايدۇ.
ھەدىسىتىكى بۇ جۈملە دىنغا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرگە رىئايە قىلىش ۋە كىشىنىڭ ئۆز شەخسىيىتىگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
ئىبنى مۇنەييىر دېگەن ئالىم ئۇستازى قۇبارىنىڭ تەرجىمھالىدا ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: «مەكرۇھ (بىر تۈركۈم ئالىملار ھەدىستىكى شۈبھىلىك ئىشلارنى دىندىكى مەكرۇھ ئىشلار دەپ كۆرسەتكەن) بەندە بىلەن ھارام ئوتتۇرىسىدىكى بىر كۆۋرۈكتۇر. دائىم مەكرۇھ ئىشلارنى قىلغۇچى ھارام ئىشقا چۈشىدۇ. مۇباھ (رۇخسەت قىلىنغان ئىشلار) مۇ ئوخشاشلا بەندە بىلەن مەكرۇھ ئارىسىدىكى كۆۋرۈكتۇر. دائىملا مۇباھ ئىشلاردىن پايدىلانغان كىشى مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قالىدۇ.» بۇ بىر گۈزەل مۇلاھىزىدۇر.
مەكرۇھ ئىشنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ ھارام ئىشلارغا جۈرئەت قىلىشى ئېنىقتۇر. مۇباھ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرغان كىشىنىڭ مەكرۇھ ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىشىمۇ ئېنىقتۇر. ھارام ھېسابلانمايدىغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىش، ھارام ھېسابلانغان چەكلىمىگە چۈشۈپ قېلىشقا كىشىنى كۆندۈرىدۇ.
- ھەدىستىكى «ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بار» جۈملىسىنىڭ شەرھى:
ھەدىستە پەقەتلا يۈرەكنىڭ تىلغا ئېلىنىشى، ئۇنىڭ بەدەننىڭ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكىدىندۇر. ھۆكۈمران دۇرۇست بولسا، ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ دۇرۇست بولىدۇ. ھۆكۈمراننىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلارمۇ بۇزۇلىدۇ.
بۇ ھەدىس يۈرەكنىڭ قىممىتىگە ئىشارەت قىلماقتا. يۈرەكنى ئىسلاھ قىلىپ، توغرىلاشقا تەشۋىق قىلماقتا، ھالال رىزىقنىڭ بۇنىڭغا تەسىرى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتىدۇر. بۇ يەردە يۈرەكتىن مەقسەت — ئاللاھ يۈرەكتە \ قەلبتە بارلىققا كەلتۈرگەن چۈشەنچىدۇر. بۇ ئەقىلنىڭ يۈرەكتە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئايەتلەرمۇ بۇنى ئىسپاتلايدۇ:{…ئەقىل قىلىپ چۈشىنىدىغان قەلبكە ئىگە بولسۇن…}(سۈرە ھەج، 46-ئايەت؛ 22:46)
ئىمام ئەبۇ داۋۇدنىڭمۇ نەقل قىلغىنىدەك، بۇ ھەدىس دىننىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلغان تۆت ھەدىستىن بىرىدۇر. بۇ تۆت ھەدىس مۇنۇ بىيىتقا توپلانغان:
تۆت سۆزگە مۇجەسسەم دىننىڭ ئۇلى،
بۇلار ئەڭ خەيرلىك زاتنىڭ قەۋلى.
شۈبھىنى تەرك ئەت، زاھىد بول، لەغۋىنى تاشلا،
ئەمەلىڭنى مۇتلەق بىر نىيەت بىلەن باشلا.
(«فەتھۇلبارى» سەھىھ بۇخارىنىڭ 52-نومۇرلۇق ھەدىسىنىڭ شەرھى)
بىيتنىڭ ئىزاھاتى:
بىيتتا دىننىڭ ئاساسى بايان قىلىنغان تۆت ھەدىس مۇنۇلاردۇر:
- «ئەمەللەر نىيەتكە باغلىقتۇر…»
- «دۇنيادىن زاھىد بول، ئاللاھ سېنى ياخشى كۆرسۇن؛ كىشىلەرنىڭ قولىدىكىگە زاھىد بول، كىشىلەر سېنى ياخشى كۆرسۇن.»
- «كىشىنىڭ ئىسلامىنىڭ ياخشىلىقى ئۆزىگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى تاشلىشىدۇر.»
- «ھاراممۇ ئېنىق، ھالالمۇ ئېنىق، بۇ ئىككىسى ئارىسىدا شۈبىھلىك ئىشلار بار…»
شەيخ ئابدۇرراھمان ئىبنى ناسىر ئەلبەرراكنىڭ بۇ ھەدىسكە قىلغان شەرھلىرىدىن بەزىلىرى تۆۋەندىكىچە:
* ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى ھارام قىلغان ئىشلاردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
* ھارامغا ئېلىپ بارىدىغان سەۋەبلەردىن ساقلىنىشنىڭ پەرزلىكى.
مۇجتەھىد تورىمىز تەرجىمە قىلىپ تارقاتقان «ئىمام نەۋەۋىنىڭ قىرىق ھەدىسى ۋە مۆتىۋەر ئالىملارنىڭ شەرھى» ناملىق ئەسەردىن ئېلىندى | mujtehid.com
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى