پېقىر كىم؟ مىسكىن كىم؟ | ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى

فەقىھ، مۇپەسسىر ئابدۇراھمان سەئدى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
پېقىر — مىسكىندىنمۇ بەك يوقسۇل كىشىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ ئەڭ ئاۋۋال پېقىرنى تىلغا ئالدى. پېقىر — ھېچقانداق مال-مۈلكى بولمىغان، ياكى ئۆزىگە ئېھتىياجلىق زۆرۈر ئېھتىياجلارنىڭ يېرىمىغىمۇ چىقىنالمايدىغان كىشىدۇر.

مىسكىن — زۆرۈر ئېھتىياجىنىڭ يېرىمىنى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەكىنى قولغا كەلتۈرەلىسىمۇ، كېرەكلىك ئېھتىياجىغا تولۇق يەتكۈدەك پۇل-مال كىرىم قىلالمايدىغان كىشىدۇر. چۈنكى، زۆرۈر ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن كېتەرلىك ئىقتىسادقا تولۇق ئېرىشەلىگەن كىشى باي ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ پېقىر ۋە مىسكىنلەرگە پېقىرلىقىنى ۋە مىسكىنلىكىنى\ يوقسۇلۇققىنى يوق قىلغۇدەك مىقداردا زاكات بېرىلىدۇ. (مەنبە: سەئدى تەپسىرى، سۈرە تەۋبە 60-ئايەتنىڭ تەپسىرىگە قارالسۇن) hedisim.com

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ