ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: مَا جَلَسَ قَوْمٌ مَجْلِسًا، يَذْكُرُونَ اللَّهَ إِلَّا حَفَّتْ بِهِمُ الْمَلَائِكَةُ، وَغَشِيَتْهُمُ الرَّحْمَةُ، وَذَكَرَهُمُ اللَّهُ فِيمَنْ عِنْدَهُ «كىشىلەر بىر مەجلىستە ئاللاھنى زىكىر قىلىپ ئولتۇرغانلىكى مۇددەتتە، پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ.» (مۇسلىم 2700، بۇلۇغۇلمەرام 1522) hedisim.com
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ بۇغۇلمەرام شەرھىدە مۇنداق دېگەن: بۇ يەردىكى «زىكىر» — يا پەرز نامازلاردىن كېيىن ئوقۇلىدىغان «سۇبھانەللا، ئەلھەمدۇلىللاھ، ئاللاھۇ ئەكبەر» قاتارلىق زىكىرلەردىن ئىبارەتتۇر؛ ياكى بولمىسا بۇ يەردىكى «زىكىر» — قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلىشتۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن: {إِنَّا نَحْنُ نـزلْنَا الذِّكْرَ وَإِنَّا لَهُ لَحَافِظُونَ}«شەكسىزكى زىكىرنى بىز نازىل قىلدۇق، شەكسىزكى زىكىرنى قوغدايمىز.» (ھىجر سۈرىسى، 9-ئايەت) (بۇ ئايەتتىكى زىكىر قۇرئاندۇر.) قۇرئان تىلاۋەت قىلىش زىكىردۇر، زىكىرنىڭ يىلتىزىدۇر. ياكى بۇ يەردىكى «زىكىر» — شەرئىي ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، شەرئىي ئىلىم زىكىر جۈملىسىدىندۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دېگەن:{فَاسْأَلُوا أَهْلَ الذِّكْرِ إِنْ كُنْتُمْ لا تَعْلَمُونَ} {ئەگەر (بىر ئىشنىڭ ھالال-ھاراملىقىنى، سۈننەت ياكى بىدئەتلىكىنى، بىر ئىبادەتنىڭ قانداق قىلىنىدىغانلىقىنى) بىلمىسەڭلار زىكىر ئەھلىدىن سوراڭلار.} (سۈرە ئەنبىيا، 7-ئايەت) شەرئىي ئىلىمنى ئۆگىنىش، ئۆگىتىش ياكى مۇزاكىرە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار (زىكىر ئەھلى بولۇپ، ئۇلار) بۇ ئارقىلىق ئىسلام شەرىئىتىنى قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَىٰ ذِكْرِ اللَّه} {ئىي ئىمان ئېيتقانلار! ئەگەر جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئوقۇلسا، ئاللاھنىڭ زىكىرىگە ئالدىراڭلار} (سۈرە جۇمۇئە، 9-ئايەت) بۇ ئايەتتىكى «زىكىر» جۈمە خۇتبىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جۈمە خۇتبىسى (ئىسلام شەرىئىتىنى) تەلىم بېرىش ھېسابلىنىدۇ. ئايەتتىكى زىكىردىن مەقسەت نامازدۇر.
«پەرىشتىلەر ئۇلارنى قورشاپ تۇرىدۇ» — يەنى، يا ئۇلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن قورشاپ تۇرىدۇ، ياكى پەزىلەتتە ئۇلارغا شىرىك بولۇش ئۈچۈن قورشايدۇ، ياكى ھەر ئىككىسىنى تەڭ مەقسەت قىلىپ قورشايدۇ. «ئۇلارنى رەھمەت ئورايدۇ» — يەنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئۇلارنى ئورايدۇ. «ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز دەرگاھىدىكىلەرگە زىكىر قىلىدۇ» — يەنى پەرىشتىلەرگە زىكىر. بۇ ھەدىس ئاللاھنىڭ زىكىرى ئۈچۈن يىغىلىشنىڭ بۈيۈك پەزىلىتىنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن، بىر سورۇنغا يىغىلىپ، ئوخشاش ئاۋازدا، بىردەك ھالدا ئاللاھنى زىكىر قىلىش سوپىلار ئوتتۇرىغا چىقارغان بىدئەت بولۇپ، ئۇلار ئوڭغا ياكى سولغا تولغىنىپ تۇرۇپ بىردەك ئاۋازدا «زىكىر» قىلىدۇ. (ياكى، نامازدىن كېيىن بىر ئىمامنىڭ يېتەكچىلىكىدە زىكىرلەرنى ئوپچە ئوقۇيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە مۇخالىپ بىدئەت ئىشلاردۇر.) مۇھىم قائىدە شۇكى، ھەر قانداق ئىبادەت رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتىگە ئەگەشكەن ئاساستا قىلىنىشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ۋە ئۇزاتنىڭ ساھابىلىرى بىردەك ئاۋاز بىلەن ئوپچە زىكىر قىلغانمۇ؟ ياق. بىر سورۇندا ئولتۇرۇپ ئاللاھنى زىكىر قىلىمىز، لېكىن ھەر بىرىمىز ئۆز ئالدىمىزغا زىكىر قىلىمىز. (شرح حديث أبي هريرة ما جلس قوم مجلسا يذكرون الله – الشيخ محمد بن صالح العثيمين)
ئىمام ئىبنى بەتتال رەھىمەھۇللاھ سەھىھۇل بۇخارى شەرھىدە مۇشۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى شەرھلەپ «ئاللاھنىڭ بەندىنى زىكىر قىلىشى بەندىگە رەھمەت قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن. بۈيۈك تابىئىن سۇددى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ھەر قانداق ئىنسان ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھمۇ مۇتلەق ئۇنى زىكىر قىلىدۇ. مۆمىن بەندە ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھ ئۇنى رەھمىتى بىلەن زىكىر قىلىدۇ. كاپىر ئاللاھنى زىكىر قىلسا ئاللاھ ئۇنى ئازابى بىلەن زىكىر قىلىدۇ.» (ئىبنى بەتتال: سەھىھۇل بۇخارى شەرھى 10\136) | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | فۇرقان دەۋەت مەركىزى