ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«مَنْ جَاءَ مَسْجِدي هَذَا لم يَأْته إِلَّا لِخَيْرٍ يَتَعَلَّمُهُ أَوْ يُعَلِّمُهُ فَهُوَ بِمَنْزِلَةِ الْمُجَاهِدِ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَنْ جَاءَ لِغَيْرِ ذَلِكَ فَهُوَ بِمَنْزِلَةِ الرَّجُلِ يَنْظُرُ إِلَى مَتَاعِ غَيْرِهِ»
«كىم مېنىڭ بۇ مەسجىدىمگە پەقەت ۋە پەقەت بىر ياخشىلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ياكى بىر ياخشىلىقنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلسە، كېلىش مەقسىتى پەقەت مۇشۇلا بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ مەرتىۋىسى ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدنىڭ مەرتىۋىسىدە بولىدۇ. مەسجىدىمگە بۇنىڭدىن باشقا مەقسەت بىلەن كەلگەن كىشى بولسا، باشقىسىغا ئائىت مالغا قارىغان كىشىنىڭ دەرىجىسىدە بولىدۇ.» hedisim.com | (ئىبنى ماجە 227؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان؛ ھاكىم: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئەلبانى: ئىمام مۇسلىم شەرتىگە بىنائەن سەھىھ، دېگەن.) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
شەيخ ئەبۇلھەسەن سىندىي رەھىمەھۇللاھ سۈنەن ئىبنى ماجەگە يازغان ئىزاھاتىدا مۇنداق دېگەن: باشقىسىغا ئائىت مالىغا قارىغان كىشى — يەنى بازارغا بېرىپ يا بىر نەرسە ساتماي، ياكى بىر نەرسە سېتىۋالماي، كىشىلەرنىڭ ماللىرىغا قاراپ ئايلىنىپ يۈرگەن كىشىدۇر. بۇ كىشى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىرەر پايدىغا ئېرىشەلەمدۇ؟ [حاشية السندي (١/ ٢١١)]