ئەبۇ مۇسا ئەشئەرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: «إِنَّما مثَلُ الجلِيس الصَّالِحِ وَجَلِيسِ السُّوءِ. كَحَامِلِ المِسْكِ، وَنَافِخِ الْكِيرِ، فَحامِلُ المِسْكِ، إِمَّا أَنْ يُحْذِيَكَ، وَإِمَّا أَنْ تَبْتَاعَ مِنْهُ وَإِمَّا أَنْ تَجِدَ مِنْهُ ريحاً طيِّبةً. ونَافخُ الكيرِ إِمَّا أَن يحْرِقَ ثيابَكَ وإمَّا أنْ تجِدَ مِنْهُ رِيحاً مُنْتِنَةً
«سالىھ ھەمراھ بىلەن يامان ھەمراھنىڭ مىسالى — مىسىك توشۇغۇچى بىلەن تۆمۈرچى دۇكىنىدىكى كۆرۈك ئىشلەتكۈچىنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ. مىسىك توشۇغۇچى يا ساڭا ئۆزىدىكى مىسىكتىن ھەدىيە قىلىدۇ، ياكى ئۇنىڭ مىسىكىدىن سېتىۋالىسەن، ياكى ساڭا ئۇنىڭ مىسكىنىڭ خۇشپۇرىقى پۇرايدۇ. تۆمۈرچى دۇكىنىدا كۆرۈك ئىشلەتكۈچى بولسا (كۆرۈك بىلەن ئوت پۈۋلىشى سەۋەبلىك) يا كىيىمىڭنى كۆيدۈرۈپ قويىدۇ، ياكى كۆرۈكتىن چىققان سېسىق پۇراقنى پۇرايسەن.»
hedisim.com (بۇخارى 5534؛ مۇسلىم 2628) * كۆرۈك — ئوتنىڭ كۆيۈشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ياسالغان ئوت پۈۋلەش ئەسۋابى. | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
— فۇرقان دەۋەت مەركىزى