ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
مَنْ حَجَّ لِلَّهِ فَلَمْ يَرْفُثْ وَلَمْ يَفْسُقْ رَجَعَ كَيَوْمِ وَلَدَتْهُ أُمُّهُ
«كىمكى ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلسا، (ھەج جەريانىدا) جىما قىلمىسا، گۇناھلىق سۆز-ھەرىكەتلەردىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك (گۇناھسىز ھالدا ھەجدىن) قايتىدۇ.» (بۇخارى 1521؛ مۇسلىم 1350؛ ئىبنى ماجە، نەسائى، تىرمىزى) hedisim.com
ئىمام ئىبنى ھەجەر مۇنداق دېگەن: «ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈندىكىدەك» — چوڭ، كىچىك بارچە گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنغان ھالدا ھەجدىن قايتىدۇ، مەنىسىدىدۇر. (فەتھۇلبارى 4\35) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | فۇرقان دەۋەت مەركىزى