ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((خَيْرُ الأَصحاب عِنْدَ اللَّهِ تَعَالَى خَيْرُهُمْ لصاحِبِهِ، وخَيْرُ الجِيرَانِ عِنْدَ اللَّه تَعَالَى خيْرُهُمْ لجارِهِ)) «ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دوستلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى دوستىغا ياخشىلىق قىلىدىغان دوستتۇر. ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قوشنىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلىدىغان قوشنىدۇر.»
hedisim.com (تىرمىزى 1944؛ رىيازۇس سالىھىن 311)
فۇرقان دەۋەت مەركىزى
- ئىككى دوستتىن قايسى بىرى دوستىغا ئاللاھ ئۈچۈن ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، ياخشىلىق قىلسا، ئۇ بۇ جەھەتتە دوستىدىن ئۈستۈن بولسا، ئەنە شۇ دوست ئاللاھنىڭ نەزىرىدە يەنە بىرىدىن ئۈستۈن. ئىككى قوشنىدىن قايسى بىرى ئاللاھ ئۈچۈن قوشنىسىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلىسا، ئۇ بۇ جەھەتتە قوشنىسىدىن ئۈستۈن بولسا، ئەنە شۇ قوشنىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر. ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ياخشى دوست، ياخشى قوشنا دەپ سۈپەتلىنىش ئىنتايىن كاتتا شەرەپتۇر.