ھەدىس | ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقىنى ھەقىقىي يەتكۈزگەن كىشى

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَيْسَ الْواصِلُ بِالمُكافئ وَلكِنَّ الواصِلَ الَّذي إِذا قَطَعتْ رَحِمُهُ وصلَهَا))

«ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن يەتكەن ياخشىلىققا جاۋابەن تۇغقاندارچىلىققا رىئايە قىلغۇچى — ئۇرۇق تۇغقانلىرىغا تۇغقاندارچىلىقنى ياخشى يەتكۈزگەن كىشى ھېسابلانمايدۇ. ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقنى ئۈزۈپ قويغان تۇغقىنىغا ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىقنى يەتكۈزگەن كىشى ئۇرۇق تۇغقاندارچىلىقنى ياخشى يەتكۈزگەن كىشى ھېسابلىنىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5991؛ رىيازۇس سالىھىن 322)

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ