ھەدىس | سىلەردىن بىرىڭلار جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تۆت رەكئەت (نەپلە) ناماز ئوقۇسۇن

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إذا صَلّى أحَدُكُمُ الجُمُعَةَ فَلْيُصَلِّ بَعْدَها أرْبَعًا)) «سىلەردىن بىرىڭلار جۈمە نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تۆت رەكئەت (نەپلە) ناماز ئوقۇسۇن.» hedisim.com (مۇسلىم 881) * بۇ تۆت رەكئەتلىك ناماز ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. بۇ ھەدىس جۈمەدىن كېيىنكى نەپلە نامازنى مەسجىدتە ئوقۇماقچى بولغانلار ئۈچۈندۇر.

— فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ