ھەدىس | قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگىن. چۈنكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش سەن ئۈچۈن زېمىندا نۇردۇر، ئاسماندىكى خەزىنەڭدۇر

ئەبۇ دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە) «ئى رەسۇلۇللاھ! ماڭا نەسىھەت قىلغايلا» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: ((عليك بتقوى الله؛ فإنه رأس الأمرِ كلِّه)) «ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش يولىنى تۇتقىن. چۈنكى، ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش جىمىي ئەمەللەرنىڭ بېشىدۇر.» مەن «ئى رەسۇلۇللاھ! يەنە نەسىھەت قىلغايلا» دېۋىدىم، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: ((عليك بتلاوة القرآن، فإنه نور لك في الأرض، وذخرٌ لك في السماء))«قۇرئان تىلاۋەت قىلىشقا ئەھمىيەت بەرگىن. چۈنكى، قۇرئان تىلاۋەت قىلىش سەن ئۈچۈن زېمىندا نۇردۇر، ئاسماندىكى خەزىنەڭدۇر.» hedisim.com (سەھىھ ھەدىس؛ رواه ابن حبان في «صحيحه»٢\١٦٤؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن) * ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش — ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئىتائەت قىلىپ، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلىگەن پەرزلەرنى ئورۇنداش، ئاللاھ ۋە رەسۇلى بەلگىلىگەن ھاراملاردىن يېنىشتۇر. (ئىمام ئابدۇراھمان سەئدى، ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن).      _فۇرقان دەۋەت مەركىزى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ