ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (مَا رَأَيْتُ النَّبِيَّ ﷺ يَرْفَعُ يَدَيْهِ فِي الدُّعَاءِ إِلَّا فِي الِاسْتِسْقَاءِ) «مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دۇئا قىلغاندا ئىستىسقا دۇئاسىدىن (يامغۇر تىلەش دۇئاسىدىن) باشقا چاغدا ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرمىدىم.» hedisim.com (بۇخارى 981؛ مۇسلىم 895؛ نەسائىي 1513)
ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۆز ئاغزى بىلەن ئۆزىنىڭ رەسۇلۇللاھقا ئون يىل خىزمەت قىلغانلىقى سابىتتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بەزى ھاللاردا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغان. ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ يەردە نامازنىڭ ئىچى ياكى سىرتىدىكى دۇئا قىلىپ قول كۆتۈرۈشتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ پەقەت ئىستىسقا دۇئاسىدىن باشقىسىدا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلمىغانلىقىنى خەۋەر بەرگەن. ئەھۋال دەل مۇشۇنداقتۇر. نامازدىن كېيىن قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىمەن دېگۈچى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە زىت ئىش قىلغان، بىدئەت پەيدا قىلغان بولىدۇ. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«كىم بىزنىڭ بۇ دىنىمىزدا ئۇنىڭدا يوق ئىشنى قىلسا، قىلغان ئىشى رەت قىلىنىدۇ.» (مۇسلىم)