ھەدىس | رەفىئۇل يەدەين (رۇكۇدىن ئىلگىرى ۋە كېيىن قوللارنى كۆتۈرۈش) توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەر

سالىم ئىبنى ئابدۇللاھ دادىسىدىن (يەنى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەردىن) مۇنۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان: ((أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ، كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، إِذَا افْتَتَحَ الصَّلَاةَ، وَإِذَا كَبَّرَ لِلرُّكُوعِ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَهُمَا كَذَلِكَ أَيْضًا، وَقَالَ: (سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ، رَبَّنَا وَلَكَ الْحَمْدُ). وَكَانَ لَا يَفْعَلُ ذَلِكَ فِي السجود.)) رەسۇلۇللاھ سەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى باشلىغاندا، رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندە ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئوخشاشلا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى ۋە  (رۇكۇدىن ئۆرە تۇرغاندا) «سەمىئەللاھۇ لىمەدەن ھەمىدەھ، رەببەنا ۋەلەكەل ھەمدۇ» دەيتتى. لېكىن سەجدىدە قوللىرىنى كۆتۈرمەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 258؛ مۇسلىم 290)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: ((رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ إذا قام في الصلاة، رفع يديه حتى تكونا حَذْوَ مَنْكِبَيْهِ، وَكَانَ يَفْعَلُ ذَلِكَ حِينَ يُكَبِّرُ لِلرُّكُوعِ، وَيَفْعَلُ ذَلِكَ إِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ، وَيَقُولُ: (سَمِعَ اللَّهُ لِمَنْ حَمِدَهُ). وَلَا يفعل ذلك في السجود.)) مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۇرسا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم رۇكۇ قىلىش ئۈچۈن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دېگەندىمۇ ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسى باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ مۇشۇنداق قىلاتتى ۋە «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەيتتى. سەجدىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرمەيتتى. hedisim.com (بۇخارى 703)

عَنْ أَبِي قِلَابَةَ:أَنَّهُ رَأَى مَالِكَ بْنَ الْحُوَيْرِثِ: إِذَا صَلَّى كَبَّرَ وَرَفَعَ يَدَيْهِ، وَإِذَا أَرَادَ أَنْ يَرْكَعَ رَفَعَ يَدَيْهِ، وَإِذَا رَفَعَ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ رَفَعَ يَدَيْهِ، وَحَدَّثَ: أَنَّ رَسُولَ اللَّهِ ﷺ صنع هكذا.

ئەبۇ قىلابە ھەدىس سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ (ساھابە) مالىك ئىبنى ھۇۋەيرەسنىڭ ناماز ئوقۇسا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى، رۇكۇ قىلماقچى بولسىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى، رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندىمۇ ئىككى قولىنى كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان. مالىك ئىبنى رۇۋەيس (بۇ شەكىلدە ناماز ئوقۇپ بولۇپ) مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مانا مۇشۇنداق قىلاتتى. hedisim.com (بۇخارى 704؛ مۇسلىم 391)
ئىمام شافىي تابىئىننىڭ يەتتە فۇقاھاسىدىن بىرى بولغان سۇلايمان ئىبنى يەسارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى سەنەدى بىلەن نەقىل قىلغان: ((كَانَ يَرْفَعُ يَدَيْهِ فِي الصَّلَاةِ ثَلَاثًا، حِينَ يُكَبِّرُ لِلِافْتِتَاحِ، وَحِينَ يُرِيدُ أَنْ يَرْكَعَ، وَحِينَ يَرْفَعُ رَأْسَهُ مِنَ الرُّكُوعِ)) «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم قوللىرىنى (نامىزىدىكى) ئۈچ ئورۇندا كۆتۈرەتتى: (1) ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ناماز باشلىغاندا؛ (2) رۇكۇغا بارماقچى بولغاندا؛ (3) رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە.» hedisim.com (بەيھەقى: معرفة السنن والآثار 3255؛ الشافي في شرح مسند الشافعي ١/٥٢٢؛ بۇنى ئىمام مالىك مۇۋەتتادىمۇ نەقىل قىلغان؛ ئىمام شافىي رىۋايىتىدە بۇ مۇرسەل ھەدىستۇر)

ھەمىيد ئىبنى جەئفەر ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: بىزگە مۇھەممەد ئىبنى ئەمرۇ ئىبنى ئەتا مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەردى: مەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئون ساھابىنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ — ئۇ ئون ساھابىنىڭ ئارىسىدا ئەبۇ قەتادەمۇ بار ئىدى —  مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مەن ئاراڭلاردا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى ئەڭ ياخشى بىلگۈچىمەن» دېۋىدى، ساھابىلەر «قانداقسىگە؟ سەن رەسۇلۇللاھقا بىزدىن كۆپراق ئەگەشمىگەن، ياكى بىزدىن بۇرۇنراق مۇسۇلمان بولمىغان تۇرساڭ؟» دېۋىدى. ئەبۇ ھۇمەيد «شۇنداق» دېدى. ساھابىلەر «قېنى (رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ نامىزىنى) بايان قىلىپ باققىن» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئەبۇ ھۇمەيد سائىدىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللام نامازنى باشلىغاندا ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىردە كۆتۈرۈپ، ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتاتتى، قوللىرىنى سۆكەڭلىرى ئۆز ئۈگىلىرىدە قارار تاپقانغا قەدەر راۋۇرۇس كۆتۈرەتتى، ئاندىن قىرائەت قىلاتتى. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىپ، ئىككى قولىنى تاكى مۈرىسىگە قەدەر كۆتۈرەتتى. ئاندىن رۇكۇ قىلىپ ئىككى ئالقىنىنى ئىككى تىزىغا قوياتتى، رۇكۇدا مۇشۇ ھالەتتە بېشىنى كۆتۈرۈۋالماستىن ياكى ساڭگىلىتىۋاتماستىن رۇس تۇراتتى. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ «سەمىئەللاھۇ لىمەن ھەمىدەھ» دەپ، ئىككى قولىنى ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە راۋۇرۇس كۆتۈرەتتى. ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ (سەجدە قىلىش ئۈچۈن) يەرگە ئېڭىشەتتى، (سەجدىدە) جەينەكلىرىنى ئىككى بىقىنىدىن نېرى تۇتاتتى. ئاندىن رۇكۇدىن بېشىنى كۆتۈرۈپ، سول پۇتىنى ياتقۇزۇپ، سول پۇتىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇراتتى. سەجدە قىلغاندا پۇتلىرىنىڭ بارماقلىرىنى (تۈگىۋالماستىن يەرگە نىقتاپ) ئاچقان ھالەتتە تۇتاتتى. (مۇشۇ ھالەتتە) سەجدە قىلىپ ئاندىن «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ بېشىنى كۆتۈرۈپ، سول پۇتىنى قاتلاپ، سۆڭەكلىرى ئۈگىلىرىگە ئولتۇرۇشقانغا قەدەر ئولتۇراتتى. ئاندىن كېيىنكى رەكئەتنىمۇ مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى. ئىككىنچى رەكئەتنى تۈگىتىپ ئورنىدىن تۇرسا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ قوللىرىنى ناماز باشلىغان چاغدا كۆتۈرگەندىكىدەك ئىككى مۈرىسىنىڭ باراۋىرىدە كۆتۈرەتتى. ئاندىن نامازنىڭ قالغان قىسىمىنىمۇ مانا مۇشۇنداق ئوقۇيتتى. ئاخىرىدا، سالام بېرىپ نامازدىن چىقىشتىن ئىلگىرىكى سەجدىدىن بېشىنى كۆتۈرگەندە سول پۇتىنى (قاتلاپ ئوڭ پاچىقىنىڭ ئاستىغا) قويۇپ سول كاسىسىنى يەرگە قويۇپ ئولتۇراتتى.» (ساھابە ئەبۇ ھۇمەيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ بايانلىرىنى ئاڭلىغان) ساھابىلەر «توغرا ئېيتتىڭ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم نامازنى مۇشۇنداق ئوقۇيتتى» دېيىشتى. hedisim.com (سۇنەن ئەبۇ داۋۇد 730؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 1\57؛ سەھىھ ئىبنى خۇزەيمە 6\77؛ بەيھەقى: خلافيات 2\339؛ ئەلبانى «سەھىھ ئەبۇ داۋۇد»تا سەھىھ دېگەن) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەييارلىدى

رەفئۇل يەدەين ھەققىدە ئوتتۇز بۈيۈك ئالىمنىڭ پەتىۋاسى:
https://mujtehid.com/2024/04/23/ref-ydyn-l/

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ