بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((زينوا القرآن بأصواتكم فإن الصوت الحسن يزيد القرآن حسنا)) «قۇرئاننى ئاۋازىڭلار بىلەن زىننەتلەڭلار. چۈنكى، گۈزەل ئاۋاز قۇرئاننىڭ گۈزەللىكىنى ئاشۇرىدۇ.» hedisim.com (ئەلبانى: سەھىھ سۈنەن ئەبۇ داۋۇد 1320؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 3581) * بۇ ھەدىسنى يەنە ئائىشە، ئەبۇ ھۇرەيرە، ئىبنى ئابباس، ئىبنى مەسئۇد قاتارلىقلارمۇ (ئاللاھ بۇ ساھابىلەرنىڭ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمدىن نەقىل قىلغان. ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى