ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((شارب الخمر كعابد وثن وشارب الخمر كعابد اللات والعزى)) «ھاراق ئىچكۈچى بۇتقا چوقۇنغۇچىغا ئوخشاشتۇر. ھاراق ئىچكۈچى لات ۋە ئۇززاغا چوقۇنغۇچىغا ئوخشاشتۇر.» hedisim.com (ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 3701)
* بۇ ھاراق ئىچكۈچىنى كاپىر دېگەنلىك ئەمەس، ھاراق ئىچكۈچى ھەققىدە ئېغىر تەھدىدتۇر. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ دەۋرىدە ھاراق ئىچكۈچى كەلتۈرۈلگەندە، ھاراق ئىچكۈچىگە ھەد جازاسى بەرگە، ئۆلتۈرمىگەن. ھاراق ئىچىش گۇناھى كەبىرە بولۇپ، كىشىنى دىندىن چىقىرىدىغان كاپىرلىق ئەمەس. ئەگەر ھاراق ئىچكۈچى مۇرتەد كاپىر بولىدىغان بولسا، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ھاراق ئىچكۈچىگە ھەد جازاسى بەرمەستىن، قەتلى قىلغۇزغان بولاتتى. (ئەللامە سالىھ فەۋزان شەرھى) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى