ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((جُزُّوا الشَّوارِبَ وارْخُوا اللِّحَى خالِفُوا المَجُوسَ)) «بۇرۇتنى قىرقىپ، ساقالنى كامىل قويۇڭلار. مەجۇسىيلارغا خىلاپ يول تۇتۇڭلار.» hedisim.com (مۇسلىم 260؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 3092)
- مۇجتەھىد فەقىھلەر ساقالنى كامىل قويۇشنى پەرز دەپ قارىغان، ساقالنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى بىر تۇتام (تەخمىنەن ئون سانتا ئەتراپىدا) دەپ قارىغان. ساقالنى ھەر قانداق شەكىلدە قىسقارتىۋېتىشنى بىر تۈركۈم مۇجتەھىدلەر دۇرۇس ئەمەس دەپ قارىغان ۋە ئۆز ھالىغا قويۇپ بېرىش لازىم دېگەن. بىر تۈركۈم مۇجتەھىدلەر بولسا، ساقالنىڭ ئەڭ قىسقا ھالىتى بىر تۇتامدۇر، ئۇنىڭدىنمۇ قىسقارتىۋېتىش دۇرۇس ئەمەس، ھارام دېگەن. ساقال ئەرنىڭ زىننىتىدۇر. ساقالنى قىسقارتىۋېتىش رەسۇلۇللاھنىڭ ساقالنى كامىل قويۇڭلار دېگەن بۇيرۇقىغا خىلاپ بولۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپ يول تۇتۇش كىشىنى گۇناھكار قىلىدۇ. ساقالنى پاك-پاكىز چۈشۈرۈۋېتىش ئاياللارغا ئوخشىۋالغانلىقتۇر، ئوتقا چوقۇنىدىغان مەجۇسىيلارغا ئوخشىۋالغانلىقتۇر. بۇ تېخىمۇ ئېغىر ھارام ھېسابلىنىدۇ.