ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((شر الطعام طعام الوليمة يمنعها من يأتيها ويدعى إليها من يأباها ومن لا يجب الدعوة فقد عصى الله ورسوله)) «تاماقلارنىڭ ئەڭ يامىنى — ئېھتىياجى بار كىشىلەر چاقىرىلماستىن، ئېھتىياجى يوقلار چاقىرىلىدىغان توي تامىقىدۇر. (مېھمانغا، تويغا) چاقىرىلسا (ئۇ يەردە يامان، مۇنكەر ئىشلار بولمايدىغان تۇرۇپ، ئۆزرىسىز) بارمايدىغان كىشىلەر ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 3706) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى