ھەدىس | پۇلى بار تۇرۇپ قەرز تۆلەشنى كېچىكتۈرۈگۈچىگە قاتتىق سۆز قىلىش ياكى جازالاش ھالال

ئەمرۇ ئىبنى شەرىيد دادىسىنىڭ مۇنداق ھەدىس سۆزلەپ بەرگىنىنى بايان قىلغان: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لَىُّ الْوَاجِدِ يُحِلُّ عِرْضَهُ وَعُقُوبَتَهُ)) «پۇلى بار تۇرۇپ قەرز تۆلەشنى كېچىكتۈرۈگۈچىگە قاتتىق سۆز قىلىش ياكى جازالاش ھالال.» ئىمام ئەبۇ داۋۇد بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: ئىمام ئابدۇللاھ ئىبنى مۇبارەك ھەدىستىكى «يُحِلُّ عِرْضَهُ» نى قاتتىق سۆز قىلىش دۇرۇس، دېگەلىك بولىدۇ؛ (بىز جازالاش دەپ تەرجىمە قىلغان) «وَعُقُوبَتَهُ» نى تۈرمىگە قاماش دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ ئىزاھلىغان. hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 3628؛ مىشكات مەسابىھ 2919؛ ئىمام ئەلبانى ھەسەن دېگەن) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ