ھەدىس | كىمكى رامزان روزىسىنى ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتسا، ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ صَامَ رَمَضَانَ إيمانًا وَاحْتِسابًا، غُفِرَ لَهُ مَا تَقَدَّمَ مِنْ ذَنْبِهِ)) «كىمكى رامزان روزىسىنى ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا تۇتسا، ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرى مەغفىرەت قىلىنىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 38؛ مۇسلىم 760؛ نەسائىي 2083؛ ) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ھەدىسنىڭ قىسقىچە شەرھى:

ئىشەنگەن ھالدا — يەنى رامزان روزىسىنىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن پەرز قىلىنغان پەرز ئەمەل ئىكەنلىكىنى تەستىقلىغان ھالدا روزا تۇتسا؛ تۇتقان روزىسى ئۆرپ-ئادەتلەشكەن، كىشىلەر قىلغاننى قىلىش بابىدىن بولمىسا؛ ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن ماختىلىش ئۈچۈن تۇتمىسا؛ رامزان روزىسىنىڭ ئۈستۈن پەزىلىتىگە ئىشەنگەن سالدا روزا تۇتسا دېگەنلىكتۇر.

ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا — يەنى رامزان روزىسىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن ئاللاھتىن ساۋاب ئۈمىد قىلسا، دېگەنلىكتۇر. hedisim.com (خەتتابى، سەنئانىي ۋە سالىھ فەۋزان شەرھى)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ