ئابدۇرراھمان ئىبنى ئەۋف رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن (إِذَا صَلَّتْ الْمَرْأَةُ خَمْسَهَا ، وَصَامَتْ شَهْرَهَا ، وَحَفِظَتْ فَرْجَهَا ، وَأَطَاعَتْ زَوْجَهَا ؛ قِيلَ لَهَا ادْخُلِي الْجَنَّةَ مِنْ أَيِّ أَبْوَابِ الْجَنَّةِ شِئْتِ) «بىر ئايال بەش ۋاخ نامىزىنى كامىل ئوقۇسا، رامزان روزىسىنى تۇتسا، ئىپپىتىنى ساقلىسا، ئېرىگە ئىتائەت قىلسا، ئۇ ھالدا (قىيامەتتە) پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا: ‹جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىكىدىن جەننەتكە كىرىۋېلىڭ› دەيدۇ.» hedisim.com (مۇسنەد ئىمام ئەھمەد 1664؛ ئەلبانى ھەسەن دېگەن) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى