ھەدىس | كېچىلىك ناماز ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىد

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: صَلاةُ اللَّيْلِ مَثْنَى مَثْنَى فَإِذَا خَشِيَ أَحَدُكُمْ الصُّبْحَ صَلَّى رَكْعَةً وَاحِدَةً تُوتِرُ لَهُ مَا قَدْ صَلَّى «كېچىلىك ناماز ئىككى رەكئەتتىن، ئىككى رەكئەتتىن ئوقۇلىدۇ. سىلەردىن بىرىڭلار تاڭ ئېتىپ كېتىشتىن ئەنسىرىسە، (ۋىتىر) نامىزىنى بىر رەكئەت ئوقۇش بىلەن، (كېچىدە) ئوقۇغان نامازلىرىنىڭ رەكئەت سانىنى تاق قىلسۇن.» hedisim.com (بۇخارى 911؛ مۇسلىم 749) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (أنه كان يفصل بين شفعه ووتره بتسليمة) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئىككى رەكئەت (كېچىلىك) ناماز بىلەن ئۈچىنچى رەكئەتنىڭ ئارىسىنى سالام بىلەن ئايرىيتتى. hedisim.com(سەھىھ ئىبنى ھىببان 2435؛ ئىبنى ھەجەر فەتھۇلبارى 2\482 دا سەھىھ دېگەن) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ