كىشىنى دوزاختىن قۇتقۇزىدىغان تۆت رەكئەت
قۇدرەت بارات
مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنْ رَكَعَ أَرْبَعَ رَكَعَات، قَبْلَ الظُّهْرِ وَأَرْبَعًا بَعْدَهَا حَرَّمَ اللّه ، لَحْمَهُ عَلَى النَّارِ)) «كىم پېشىن نامىزىدىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت، پېشىن نامىزىدىن كېيىن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇسا، ئاللاھ ئۇنىڭ جىسمىنى دوزاخقا ھارام قىلىدۇ.» ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بۇ ھەدىسنى سۆزلەپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ مۇشۇنداق دېگىنىنى ئاڭلىغىنىمدىن كېيىن، بۇ نامازلارنى تەرك ئېتىپ باقمىدىم. (ئىمام نەسائى توپلىغان ھەدىس، سۇنەن نەسائىدىكى ھەدىس نومۇرى 1160؛ ئىمام ئەلبانى «سەھىھ سۇنەن نەسائىي» ناملىق ئەسىرىدە سەھىھ دېگەن)
ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تولۇق تېكىستى:
ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تولۇق تېكىستى:
عن حسان بن عطية قال: لما نزل بِعَنبَسة، جعل يَتَضور، فقيل له: فقال: أما إني سمعت أم حبيبة زوج النبي ﷺ تُحدث، عن النبي ﷺ: أنه قال: «مَنْ رَكَعَ أَرْبَعَ رَكَعَات، قَبْلَ الظُّهْرِ وَأَرْبَعًا بَعْدَهَا حَرَّمَ اللّه ، لَحْمَهُ عَلَى النَّارِ»، فَمَا تَرَكْتُهُنَّ مُنْذُ سَمِعْتُهُنَّ.(صحيح) – ابن ماجه ١١٦٠.
بىر قىسىم ئۆلىمالار مۇشۇ ھەدىسنىڭ ئاشكارا مەنىسىگە قاراپ تۇرۇپ، پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكەت، پېشىندىن كېيىن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغان مۆمىن ئەسلا دوزاخقا كىرمەيدۇ دەپ قارىغان، يەنە بەزى ئۆلىمالار دوزاخقا كىرىپ قالغان تەقدىردىمۇ دوزاخ ئوتى ئۇنى كۆيدۈرەلمەيدۇ، دەپ قارىغان. (قاراڭ: مرعاة المفاتيح شرح مشكاة المصابيح ٤/١٤٤ — عبيد الله الرحماني المباركفوري)
ئاللاھ سۇبھانەھۇ ۋەتائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: {فَاتَّقُوا النَّارَ الَّتِي وَقُودُهَا النَّاسُ وَالْحِجَارَةُ ۖ أُعِدَّتْ لِلْكَافِرِينَ} {سىلەر يېقىلغۇسى ئىنسانلار ۋە تاشلار بولغان، كاپىرلار ئۈچۈن (يەنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىدىن كەلگەن ھەقنى ئىنكار قىلغۇچىلار ئۈچۈن) تەييارلانغان دوزاختىن ساقلىنىڭلار} — بەقەرە سۈرىسى 24-ئايەت
دوزاختىن قانداق ساقلىنىمىز؟
ئايەتتە ۋە سەھىھ ھەدىسلەردە «مۇنداق ئىشنى قىلغان كىشى دوزاخقا كىرىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن ئەمەللەرنى قىلىش، «مۇنداق قىلغان كىشى ياكى ئۇنىڭ ئەزاسى دوزاختا كۆيىدۇ» دەپ خەۋەر بېرىلگەن ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇش ئارقىلىق دوزاختىن ساقلىنىمىز.
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ «پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت ئوقۇغان كىشى، تۆت رەكئەتنى بىر سالام بىلەن ئوقۇسا دۇرۇس بولامدۇ» دەپ سورالغان سوئالغا جاۋاب بېرىپ، يۇقىرىقى مەزمۇندا كەلگەن ھەر خىل ھەدىسلەرنى نەقىل قىلىپ بولغاندىن كېيىن مۇنداق دېگەن: پېشىننىڭ پەرزىدىن ئىلگىرىكى تۆت رەكئەتلىك ۋە پەرزىدىن كېيىنكى تۆت رەكئەتلىك سۈننەت نامازنى ئىككى سالام بىلەن ئوقۇش (يەنى باشتا ئىككى رەكئەت ئوقۇپ بولۇپ، سالام بېرىۋېتىپ، ئاندىن يەنە ئىككى رەكئەت ئوقۇش) سۈننەت بولۇپ، تۆت رەكئەتنى بىر سالام بىلەن ئوقۇۋېتش مەكرۇھ ھېسابلىنىدۇ.
ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ ناماز رەكئەتلىرىنى بايان قىلغان ھەدىسىدە كەلگىنىدەك «پېشىندىن ئىلگىرى ئىككى رەكئەت، پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش»، ياكى ئائىشە ئانىمىزنىڭ رەسۇلۇللاھنىڭ پېئىلىنى بايان قىلغان مۇناسىۋەتلىك ھەدىسىدە كەلگىنىدەك «پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت، پېشىندىن ئىككى رەكئەت» ناماز ئوقۇشمۇ ئوخشاشلا سۈننەت بولۇپ، يەڭگىل يول تۇتقاندا پېشىننىڭ ئالدى كەينىدە ئىككى رەكئەت سۈننەت ئوقۇش، كۆپراق ساۋاپ كۆزلىگەندە پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت، پېشىندىن كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇش؛ ۋەياكى ئەڭ مۇكەممەل يول تۇتۇپ، يۇقىرىدا باش تېما قىلىنغان ھەدىستىكىدەك پېشىندىن ئىلگىرى تۆت رەكئەت، پېشىندىن كېيىن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇشنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا سۈننەتتە ئورنى بار، ھەممىسى دۇرۇستۇر، ھەممىسى ساۋابلىقتۇر.
مۇھىم بولغىنى، پېشىندىن ئىلگىرى كېيىن تۆت رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغان مۇسۇلماننىڭ پېشىندىن ئىلگىرى كېيىن ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيدىغان دىنىي قېرىندىشىنى ئەيىبلىمەسلىكى، ياكى قەلبىدە ئۇنىڭغا قارىتا «ئىككى رەكئەتنى ئارتۇق ئوقۇش خۇش ياقمىدى» دېگەندەك شەيتانىي سۆزلەرنىڭ كېچىشىگە يول قويماسلىقتۇر. شۇنداقلا، پېشىننىڭ ئالدى كەينىدە ئىككى رەكئەت ئوقۇش يولىنى تۇتقان مۇسۇلماننىڭ بولسا يېنىدىكى تۆت رەكئەت ئوقۇغان مۇسۇلمانغا نىسبەتەن «مېنى تەقۋا ئىكەن دەپ قالسۇن دەپ، قەستەن ئىككى رەكئەت ئاۋۇتۇپ ئوقۇۋاتىدۇ» دېگەندەك شەيتانىي ئويدا بولماسلىقى لازىم. قەلبتىن باشقىلار ھەققىدە بۇنداق يامان گۇمان كەچكىنىنىڭ گۇناھى ئەگەر تەۋبە قىلىنمىسا ئوقۇلغان شۇ تۆت، ئالتە ياكى سەككىز رەكئەتلىك نامازنىڭ ساۋابىدىن جىق ئۈستۈن بولۇپ كېتىشى مۇمكىن. ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىللىرىنى پاك، ئەمىلىمىزنى سالىھ قىلىپ بەرسۇن.
