ھەدىس | كېچىدە بىر سائەت بار بولۇپ، مۇسۇلمان بەندىنىڭ دۇنيانىڭ ياكى ئاخىرەتنىڭ بىرەر ياخشىلىقنى سوراپ دۇئا قىلىشى ئاشۇ سائەتكە توغرا كېلىپلا قالسا

جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ فِي اللَّيْلِ لَسَاعَةً لَا يُوَافِقُهَا رَجُلٌ مُسْلِمٌ يَسْأَلُ اللهَ خَيْرًا مِنْ أَمْرِ الدُّنْيَا وَالْآخِرَةِ إِلَّا أَعْطَاهُ إِيَّاهُ، وَذَلِكَ كُلَّ لَيْلَةٍ)) «كېچىدە بىر سائەت بار بولۇپ، مۇسۇلمان بەندىنىڭ دۇنيا ياكى ئاخىرەتنىڭ بىرەر ياخشىلىقنى سوراپ دۇئا قىلىشى ئاشۇ سائەتكە توغرا كېلىپلا قالسا، ئاللاھ ئۇنىڭ سورىغان ياخشلىقىنى ئۇنىڭغا بېرىدۇ. بۇ سائەت ھەر كېچىدە بار.» hedisim.com (مۇسلىم 757، ئەھمەد 14394) * ئىمام ئىبنۇل جەۋزى مۇنداق دېگەن: بەندىنىڭ بۇ سائەتنى تېپىش ئۈچۈن ھېرىسمەن بولۇشى ۋە ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىۋېلىشى ئۈچۈن، جۈمە ۋاقتىدىكى دۇئا ئىجابەت قىلىنىدىغان سائەت بىلەن قەدىر كېچىسى (نىڭ قايسى كېچىدە بولىدىغانلىقى) مەخپىي تۇتۇلغاندەك، كېچىدىكى بۇ سائەتمۇ ئوچۇق بايان قىلىنماي يوشۇرۇلغان. ئەگەر ئوچۇق بايان قىلىنغان بولسا، كىشىلەر ئاشۇ سائەتكىلا ئېسىلىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن باشقا سائەتلەردە ئىبادەت قىلىشقا سەل قارىغان بولاتتى. (كشف المشكل من حديث الصحيحين ٣/١٠٧) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ