ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دەيدۇ: (ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ ھاممىسى، ئەنەس ئىبنى نەزىرنىڭ سىڭلىسى1) رۇبەييى (رەزىيەللاھۇ ئەنھا) ئەنساردىن بىر قىزنىڭ چىشىنى تۆكىۋەتكەن ئىدى، قىزنىڭ قەبىلىسى قىساس ھۆكمى ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشتى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يېنىغا كەلدى. رەسۇلۇللاھ قىساس ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنەس ئىبنى مالىكنىڭ تاغىسى ئەنەس ئىبنى نەزىر «ياق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇنىڭ چىشى تۆكۈلمەيدۇ، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «ئى ئەنەس! ئاللاھنىڭ كىتابىغا بىنائەن قىساس ئىجرا قىلىنىدۇ» دېدى. ئاخىرىدا، قىساس تەلەپ قىلغان تەرەپ دىيەتنى قوبۇل قىلىپ، قىساس ئىجرا قىلىش تەلىپىدىن ۋاز كەچى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېدى: «ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئەگەر (شۇ بەندىلەرنىڭ بىرى) ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ.» (بۇخارى 4611-نومۇرلۇق ھەدىس) (1. سۇنەن ئەبۇ داۋۇدتىكى مەتىندە «ئەنەس ئىبنى نەزىرنىڭ سىڭلىسى رۇبەييى» دەپ كەلگەن) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى [عَنْ أَنَسٍ ـ رضى الله عنه ـ قَالَ كَسَرَتِ الرُّبَيِّعُ ـ وَهْىَ عَمَّةُ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ ـ ثَنِيَّةَ جَارِيَةٍ مِنَ الأَنْصَارِ، فَطَلَبَ الْقَوْمُ الْقِصَاصَ، فَأَتَوُا النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم فَأَمَرَ النَّبِيُّ صلى الله عليه وسلم بِالْقِصَاصِ. فَقَالَ أَنَسُ بْنُ النَّضْرِ عَمُّ أَنَسِ بْنِ مَالِكٍ لاَ وَاللَّهِ لاَ تُكْسَرْ سِنُّهَا يَا رَسُولَ اللَّهِ. فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم » يَا أَنَسُ كِتَابُ اللَّهِ الْقِصَاصُ «. فَرَضِيَ الْقَوْمُ وَقَبِلُوا الأَرْشَ فَقَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم » إِنَّ مِنْ عِبَادِ اللَّهِ مَنْ لَوْ أَقْسَمَ عَلَى اللَّهِ لأَبَرَّهُ «.]
