رەفئۇل يەدەين قىلماستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟

رەفئۇل يەدەين قىلماستىن ناماز ئوقۇغان كىشىنىڭ نامىزى دۇرۇسمۇ؟

پەتىۋا بەرگۈچى: ئەللامە سالىھ فەۋزان ھافىزەھۇللاھ

سوئال سورىغۇچى:
پەزىلەتلىك شەيخ، سوئال سورىغۇچى مۇنداق دەيدۇ: نامازغا كىرىش تەكبىرى (تەكبىر تەھرىمە) ۋە باشقا تەكبىرلەردە ئىككى قولنى كۆتۈرمەسلىكنىڭ ھۆكمى نېمە؟

شەيخ سالىھ ئەل فەۋزاننىڭ جاۋابى:
سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ. ئۇنىڭ نامىزى دۇرۇس، لېكىن ئۇ (بۇ ھەقتىكى) سۈننەتنى تەرك ئەتكەن بولىدۇ.

— مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

مەنبە: https://www.youtube.com/watch?v=PDoZLYAgUig

ئەسكەرتىش: «رەفئۇل يەدەين» دېگەنلىك «ئىككى قولنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ نامازلاردىكى «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەپ تەكبىر ئېيتىلىدىغان يۆتكىلىش ئورۇنلىرىدا ئىككى قولنى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. يەنى، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ ئىككى قولنى كۆتۈرۈپ نامازغا كىرگەندە، ئاللاھۇ ئەكبەر دەپ رۇكۇغا بارغاندا ۋە رۇكۇدىن تۇرغاندا ئىككى قولنى كۆتۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ. رەفۇليەدەيننىڭ قانچىلىك كۈچلۈك سۈننەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا تور بېتىمىزدە بىر تەتقىقات ماقالىسى مەۋجۇت. قىززىققۇچىلار شۇنى ئوقۇپ كۆرسە بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ