ھەدىس | كەسلەنچۈكنى ئۆلتۈرۈش كىشىنى ساۋابقا ئىگە قىلىدۇ

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:

((مَنْ قَتَلَ وَزَغَةً فِي أَوَّلِ ضَرْبَةٍ فَلَهُ كَذَا وَكَذَا حَسَنَةً وَمَنْ قَتَلَهَا فِي الضَّرْبَةِ الثَّانِيَةِ فَلَهُ كَذَا وَكَذَا حَسَنَةً أَدْنَى مِنَ الأَوَّلِ وَمَنْ قَتَلَهَا فِي الضَّرْبَةِ الثَّالِثَةِ فَلَهُ كَذَا وَكَذَا حَسَنَةً أَدْنَى مِنَ الثَّانِيَةِ))

«كىمكى بىر كەسلەنچۈكنى تۇنجى ئۇرۇشىدا ئۆلتۈرسە ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق ساۋاپ يېزىلىدۇ. كىم بىر كەسلەنچۈكنى ئىككى قېتىمدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق ساۋاپ يېزىلىدۇ، ئۇنىڭغا بىر قېتىمدىلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەندىن ئازراق ساۋاپ يېزىلىدۇ. كىم ئۈچىنچى قېتىمدا ئۆلتۈرسە ئۇنىڭغا مۇنداق، مۇنداق ساۋاپ يېزىلىدۇ، بۇنداق كىشىنىڭ ئېرىشىدىغان ساۋابى ئىككى قېتىمدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن كىشىنىڭ ساۋابىدىن تۆۋەن بولىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 2240؛ ئەبۇ داۋۇد 5263؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى ئەبۇ داۋۇدنىڭ) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

* ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، كەسلەنچۈكنىڭ تېنىدە نۇرغۇنلىغان مىكروپ – باكتېرىيەلەر بولۇپ، ئۇ ئۆزى ماڭغان جايلاردا مىكروپ تارقىتىدۇ. ئىنسانلارنىڭ يېمەك – ئىچمەكلىرىگە باش تىقىشى سەۋەبلىك، كەسلەنچۈك يالاپ قويغان يېمەك – ئىچمەكنى يېگەن كىشىلەردە قىزىش، قۇسۇش ۋە باشقا كېسەللىكلەر پەيدا بولىدۇ. 

بۇنىڭدىن سىرت كەسلەنچۈكنىڭ تەرى سۆرۈن ھايۋان بولغاچقا، بولۇپمۇ ھامىلدار ئاياللارغا ئۆيلەردە تۇيۇقسىز ئۇچراپ قالسا، ھامىلدار ئايال بۇ سەۋەبلىك قورقۇپ كېتىپ ھامىلىسى چۈشۈپ كېتىدىغان ئېچىنىشلىق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ. كەسلەنچۈك تەرى سۆرۈن ھايۋان بولغاچقا، نورمالدا مەيلى ئەر، مەيلى ئاياللار ئۇنى كۆرۈشنى خالىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆيىدە ياكى ئەتراپىدا بولۇشىدىن يىرگىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن سىرت، كەسلەنچۈك ئۆيگە كىرىۋالسا بالىلار، ئاياللار ئۇنىڭدىن قورقۇپ خاتىرجەم ياشىيالمايدۇ. ھەدىستە كەلگىنىدەك، مۇسۇلماننىڭ يولىدىن بىر پۇتلىكاشاڭنى ئېلىۋېتىش ئىماننىڭ جۈملىسىدىن بولغاندەك، كەسلەنچۈكنى ئۆلتۈرۈشمۇ مۇسۇلمانغا زىيانلىق نەرسىنى يوق قىلىش جۈملىسىدىن بولۇپ، كىشىنى ساۋابقا ئېرىشتۈرىدۇ.

بەزى ئاتالمىش ھايۋان ھەقلىرىنى قوغدىغۇچى كىشىلەر بۇ ھەدىسكە قاراپ، ئىسلامغا ياكى ھەدىسلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان بولسىمۇ، ئەمما بىرەر كەسلۈنچۈك سەۋەبلىك بالىسى قورقۇپ قاچىمەن دەپ يىقىلىپ چۈشۈپ بىرەر يېرىنى سۇندۇرۇۋالغان، ياكى ئايالى كەسلەنچۈكتىن قورقۇپ كېتىپ ھامىلىسىنى تاشلىۋەتكەن چاغدا، بۇنداق ئاتالمىش ھايۋان ھەقلىرى قوغدىغۇچىسىنىڭ كەسلەنچۈك قاتارلىق ھايۋانلارغا ئەڭ ئېغىر دۈشمەنلىك قىلىدىغان بىرىگە ئايلىنشى تەبئىي. ئايەتلەر ۋە سەھىھ ھەدىسلەر مەيلى بىز ئۇنىڭدىن ھېكمەتنى بىلەلەيلى ياكى بىلەلمەيلى، ھەر قانداق ئايەت ھەدىس يۈزدە يۈز ھەق، ئايەت ھەدىسلەر مۇسۇلماننىڭ، ھەتتا ئىنسانىيەتنىڭ پايدىسىغىدۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ