ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كالامچىلار بىلەن بىللە ئولتۇرماڭلار. ناۋادا ئۇلار سۈننەتنى مۇداپىئە قىلىۋاتقان تەقدىردىمۇ ھەم شۇنداق.» hedisim.com (ئىبنۇل جەۋزى: مەناقىب ئىمام ئەھمەد 205)
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كالامنى ياخشى كۆرىدىغان كىشىدىن ئاگاھ بولغىن.» hedisim.com (ئەلئىبانە 2\540)
ئىمام ئىبنۇل جەۋزى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئاۋام خەلققە ئەڭ كۆپ زىيان سالغانلار كالام بىلەن شۇغۇللانغانلار بولۇپ، كالامچىلار ئاۋام خەلقنىڭ ئېتىقادىنى (باتىل مۇلاھىزە، كۆز قاراشلىرى بىلەن) ئوڭتەي-توڭتەي قىلىۋەتتى.» hedisim.com (صيد الخاطر ٦٠١)
ئىمام ئىبنى قەييىم مۇنداق دېگەن:«قۇرئان ۋە ھەدىسنىڭ سىرتىدىكى كۆز قاراشلار پەيلاسوپلارنىڭ قىياسى، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ خىيالى، يولدىن چىققان ئازغۇنلارنىڭ پىكىرلىرى ۋە كالامچىلارنىڭ شۈبھەلىرىدىن ئىبارەتتۇر.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى قەييىم «مەدارىجۇس سالىكىن»،876)
ئەشئەرىي بىدئەت ئەقىدىسىنىڭ بۈيۈكلىرىدىن ئىمامۇل ھەرمەين ئەبۇلمەئالىي ئەلجۇۋەينى رەھىمەھۇللاھ (كالامچىلىق يولىدىن تەۋبە قىلىپ) مۇنداق دېگەن: (لا تشتغلوا بالكلام ، فلو عرفت أن الكلام يبلغ بي ما بلغ ما اشتغلت به) «كالام بىلەن شۇغۇللانماڭلار. ئەگەر كالامنىڭ مېنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، كالام بىلەن شۇغۇللانمىغان بولاتتىم.» hedisim.com (سير أعلام النبلاء 18\468)
ئەشئەرىي بىدئەت ئەقىدىسىنىڭ بۈيۈكلىرىدىن ئىمامۇل ھەرمەين ئەبۇلمەئالىي ئەلجۇۋەينى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (اشهدوا علي أني قد رجعت عن كل مقالة تخالف السنة ، وأني أموت على ما يموت عليه عجائز نيسابور) «گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سۈننەتكە زىت جىمىي پىكىردىن (يەنى كالام يولىدىن) ياندىم. مەن نىساپۇرلۇق مومايلار قانداق ئېتىقادتا ئۆلگەن بولسا، شۇ ئېتىقادتا ئۆلۈش ئالدىدىمەن.» hedisim.com (سير أعلام النبلاء 18\474)
— قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
