فۇزەيل ئىبنى ئىياز (ۋاپاتى: ھىجرىيە 187-يىلى) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:
«ھىدايەت يولىغا مەھكەم ئېسىلغىن، بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ئازلىقى ساڭا زىيان كەلتۈرمەيدۇ. ئازغۇنلۇق يوللىرىدىن ھەزەر ئەيلە، (ئازغۇنلۇق يولىدا مېڭىش ئارقىلىق) ئۆزىنى ھالاكەتكە تاشلىغۇچىلارنىڭ كۆپلۈكى سېنى ئالداپ قويمىسۇن.» hedisim.com (شاتىبى: ئەلئىئتىسام 1\135)
سۇفيان ئىبنى ئۇيەينە رەھىمەھۇللاھ (ۋاپاتى: ھىجرىيە 197) مۇنداق دېگەن: «ھەق يولىدا ماڭغىن، بۇ يولدا ماڭغۇچىلارنىڭ ئازلىقى سەۋەبلىك غېرىبلىق ھېس قىلمىغىن.» hedisim.com (ئىبنى ئابدۇلبەر: ئەتتەمھىد 17\429)
— قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
