ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ بىدئەتنى ۋە بىدئەتچىلەرنى سۆكۈشى
قۇدرەت بارات
ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە سالات ۋە سالاملار بولسۇن.
بۇ تېما ئىككى چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن:
[1] ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ بىدئەتنى ۋە بىدئەتچىلەرنى سۆكۈشى
[2] رەسۇلۇللاھنىڭ بىدئەتنى ۋە بىدئەتچىلەرنى سۆكۈشى
***
[1] ئىسلام بۈيۈكلىرىنىڭ بىدئەتنى ۋە بىدئەتچىلەرنى سۆكۈشى
ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((قبور أهل السنة من أهل الكبائر روضة. وقبور أهل البدعة من الزهاد حفرة، فسّاق أهل السنة أولياء الله. وزهاد أهل البدعة أعداء الله)) «چوڭ گۇناھلارنى قىلىپ تەۋبە قىلالماي ئۆلۈپ كەتكەن ئەھلى سۈننەت مۇسۇلمانلارنىڭ قەبرىلىرى (جەننەت باغچىلىرىدىن) بىر باغچىدۇر. ئەھلى بىدئەتنىڭ ئىبادەتگۇيلىرىنىڭ قەبرىلىرى بولسا (دوزاخ ئازگاللىرىدىن) بىر ئازگالدۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ گۇناھكارلىرى ئاللاھنىڭ دوستلىرىدۇر. ئەھلى بىدئەتنىڭ زاھىدلىرى ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر.» hedisim.com (طبقات الحنابلة – لابن أبي يعلى 1\184)
ئىمام ئىبنى قەييىم رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «وفُسَّاق أهل السنة أولياء الله، وعُبَّاد أهل البدعة أعداء الله، وقبور فسّاق أهل السنة روضة من رياض الجنة، وقبور عبّاد أهل البدع حفرة من حفر النار، والتمسك بالسنة يكفِّر الكبائر، كما أن مخالفة السنة تُحبِط الحسنات» «ئەھلى سۈننەتنىڭ پاسىقلىرى ئاللاھنىڭ دوستلىرىدۇر. ئىبادەتگۇي ئابىد بىدئەتچىلەر ئاللاھنىڭ دۈشمەنلىرىدۇر. ئەھلى سۈننەتنىڭ پاسىقلىرىنىڭ قەبرىلىرى جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر. ئىبادەتگۇي، ئابىد بىدئەتچىلىرىنىڭ قەبرىلىرى دوزاخ ئازگاللىرىدىن بىر ئازگالدۇر. سۈننەتكە چىڭ ئېسىلىش چوڭ گۇناھلارنىڭ مەغفىرەت قىلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ. سۈننەتكە خىلاپ يول تۇتۇش ياخشىلىقلارنى (يەنى ياخشى ئەمەل-ئىبادەتلەرنى) يوق قىلىۋېتىدۇ.» hedisim.com (مەدارىجۇس سالىكىن 3\ 6)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: «ئاللاھ ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان ئىش — بىدئەتتۇر.» hedisim.com (شرح العمدة في الفقه ٣\٦٠٢)
تابىئىن ئىمام فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىدئەت ئەھلىگە ئاھانەت قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتتىكى دەرىجىسىنى يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ.» hedisim.com (ئىمام بەربەھارى-شەرھۇس سۇننە،199-نومۇر)
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىدئەت ئەھلىگە مايىللىق كۆرسىتىپ، كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلغان كىشى ئاللاھنىڭ قوغدىشىدىن چىقىپ كېتىدۇ.» hedisim.com (حلية الأولياء 5\302)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: «بىز (رەسۇلۇللاھقا) ئىتائەت قىلىمىز، (دىندا يېڭىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىمىزگە) ئىتائەت قىلدۇرمايمىز. (رەسۇلۇللاھقا) ئەگىشىمىز، بىدئەت پەيدا قىلمايمىز. (رەسۇلۇللاھنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى بايان قىلىنغان سەھىھ) رىۋايەتلەرگە چىڭ ئېسىلغانلىكى تەقدىردە ئازمايمىز.» hedisim.com (لالىكائى: ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەتنىڭ ئېتىقادى 93)
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىدئەتنىڭ تەۋبىسى بولمايدۇ.» (حلية الأولياء 5\302) hedisim.com * يەنى، كۆپۈنچە ھالدا، بىدئەتچى ئۆز بىدئىتىدىن يېنىپ تەۋبە قىلىپ ھەقكە— سۈننەتكە قايتمايدۇ، شۇ بىدئىتىنى داۋاملاشتۇرغان پېتى تەۋبە قىلماستىن ئۆلىدۇ.
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىبلىسقا نىسبەتەن بىدئەت گۇناھتىنمۇ بەك سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، گۇناھنىڭ تەۋبىسى بولىدۇ، ئەمما، بىدئەتنىڭ (كۆپۈنچە ھالدا) تەۋبىسى بولمايدۇ.» hedisim.com (حلية الأولياء 5\302)
فۇزەيل ئىبنى ئىياز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:(ومن أعرض بوجهه عن صاحب بدعة ملأ الله قلبه إيمانا، ومن انتهر صاحب بدعة آمنه الله يوم الفزع الأكبر، ومن أهان صاحب بدعة رفعه الله في الجنة مائة درجة) «كىم بىر بىدئەتچىدىن يۈزىنى ئۆرۈسە، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا تولدۇرىدۇ. كىم بىر بىدئەتچىنىڭ دەككىسىنى بەرسە، ئاللاھ ئۇنى بۈيۈك قورقۇنچ كۈنىدە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئامانلىقتا قىلىدۇ. كىم بىر بىدئەتچىنى پەس كۆرۈپ ھۆرمىتىنى چۈشۈرسە، ئاللاھ ئۇنىڭ دەرىجىسىنى جەننەتتە يۈز دەرىجە كۆتۈرىدۇ.» hedisim.com (شرح السنة للبربهاري)
ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (إِنَّ لِكُلِّ صَاحِبِ ذَنْبٍ تَوْبَةً، غَيْرَ أَصْحَابِ الْأَهْوَاءِ وَالْبِدَعِ لَيْسَ لَهُمْ تَوْبَةٌ، أَنَا مِنْهُمْ بَرِيءٌ وَهُمْ مِنِّي بُرَآءُ) «شەكسىزكى، بارچە گۇناھكارنىڭ تەۋبىسى مەقبۇلدۇر. ئەمما، ھاۋايى-ھەۋەس ئەھلى ۋە بىدئەت ئەھلىنىڭ تەۋبىسى مەقبۇل ئەمەس. مەن ئۇلاردىن ئادا-جۇدامەن، ئۇلارمۇ مەندىن ئادا جۇدادۇر.» hedisim.com (السنة لابن أبي عاصم 1\22)
ئىمام ئىبنى ۋەدداھ قۇرتۇبىي رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ ھەر قانداق بىدئەتنى يامان كۆرەتتى، ياخشى ئىشتەك كۆرۈنگەن بىدئەتنىمۇ يامان كۆرەتتى.» hedisim.com (البدع والنهي عنها 2\90)
ئىمام سۇفيان سەۋرى مۇنداق دېگەن: «بىدئەت شەيتانغا گۇناھتىنمۇ بەك سۈيۈمۈكتۇر. چۈنكى: گۇناھ تەرك ئېتىلىدۇ، ئەمما بىدئەت (ئاسانلىقچە) تەرك ئېتىلمەيدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى جەۋزى: تەلبىسۇل ئىبلىس)
ئىمام سۇفيان سەۋرى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىبلىسقا نىسبەتەن بىدئەت گۇناھتىنمۇ بەك سۆيۈملۈكتۇر. چۈنكى، گۇناھنىڭ تەۋبىسى بولىدۇ، ئەمما، بىدئەتنىڭ (كۆپۈنچە ھالدا) تەۋبىسى بولمايدۇ.» hedisim.com (حلية الأولياء 5\302)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئۈممەتنى بىدئەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش مۇسۇلمانلارنىڭ ئىتتىپاقى بىلەن ۋاجىپتۇر.» hedisim.com (مجموع الفتاوى 28\222)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «(كىشىلەرنى) سۈننەتكە (ئېسىلىشقا) بۇيرۇپ، بىدئەتتىن توسۇش — ياخشىلىققا بۇيرۇپ، يامانلىقتىن توسۇش ھېسابلىنىدۇ. سۈننەتكە بۇيرۇپ، بىدئەتتىن توسۇش — ئەڭ ئەۋزەل سالىھ ئەمەل جۈملىسىدىندۇر. » hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە: مىنھاج سۈننە 5\253)
شەيخ ئابدۇررازاق ئەلبەدرى ھافىزەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «بىدئەت كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرسە ئۇلارنى بۆلىۋېتىدۇ. سۈننەت كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا كىرسە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدۇ.» | hedisim.com (شرح مسائل الجاهلية شريط ٢)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ئىمام ئەھمەدتىن «سىلىچە كىشىنىڭ نەپلە ناماز ئوقۇشنى، نەپلە روزا تۇتۇشى، ئىتىكافتا ئولتۇرۇشى ئەۋزەلمۇ ياكى بىدئەتچىلەرگە قارشى (سۈننەتنى ۋە ھەقنى) بايان قىلىش بىلەن مەشغۇل بولۇشى ئەۋزەلمۇ؟» دەپ سورالغان. ئىمام ئەھمەد جاۋابەن مۇنداق دېگەن: «كىشىنىڭ ناماز ئوقۇشى، روزا تۇتۇشى، ئىتىكافتا ئولتۇرۇشى ئۆزى ئۈچۈندۇر. لېكىن، (سۈننەتلەر ئارقىلىق) بىدئەتلەرگە ۋە بىدئەتچىلەرگە قارشى تۇرۇشى مۇسۇلمانلار ئۈچۈندۇر. مانا بۇ باشتىكىسىدىن ئەۋزەل.» hedisim.com (مەجمۇئۇل فەتاۋا 28\231)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئېتىقادتا ۋە فىقھتا ساھابىلەرگە مۇستەھكەم ئەگەشمەيدىغان كىشى دەلىلنى قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئالدىم دەپ ئويلىۋالغان تەقدىردىمۇ بىدئەتچىدۇر.» hedisim.com (مۇختەسەرۇ فەتاۋا ئەلمىسرىييە 226)
ئىمام ئىبنى تەيمىييە مۇنداق دېگەن: «ئەھلى بىدئەت تولىمۇ ئوچۇق ۋە كەڭ تارقالغان سۈننەتلەرگە بىلىپ تۇرۇپ خىلاپلىق قىلىدۇ.» hedisim.com (ئىبنى تەيمىييە مەجمۇئۇل فەتاۋا 19-71)
ئەللامە سالىھ ئەلفەۋزان ھافىزەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «گۇناھكار كىشىلەرنى گۇناھتىن بىدئەتكە باشلاپ ئەكىرىش ھىدايەت دەپ ئاتالمايدۇ. چۈنكى، بىدئەت گۇناھتىنمۇ ياماندۇر. سۈننەتكە ئەھمىيەت بېرىدىغان گۇناھكار بىدئەتكە مايىل ئابىدتىن ياخشىدۇر.» hedisim.com (شەرھۇس سۈننە شەرھى 230)
ئىمام ئىبنى ئۇسەيمىن رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن:«ئەھلى بىدئەتنىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلار (كۆز قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مەسىلىلەردە شەرئىي دەلىللەرگە ئەگىشىپ قويۇپ، كۆز قارىشىغا توغرا كەلمەيدىغان شەرئىي دەلىللەرگە دۇچ كەلسە، ئۇنى چۆرۈپ تاشلاپ) ئۆز كۆز قاراشلىرىغا ئەگىشىدۇ. ئۇلارغا ھەق بايان قىلىپ بېرىلسە، ھەقكە قايتقىلى ئۇنىمايدۇ.» hedisim.com (مجموع الفتاوى 5\90)
ئەشئەرىي بىدئەت ئەقىدىسىنىڭ بۈيۈكلىرىدىن ئىمامۇل ھەرمەين ئەبۇلمەئالىي ئەلجۇۋەينى رەھىمەھۇللاھ (كالامچىلىق يولىدىن تەۋبە قىلىپ) مۇنداق دېگەن: (لا تشتغلوا بالكلام ، فلو عرفت أن الكلام يبلغ بي ما بلغ ما اشتغلت به) «كالام بىلەن شۇغۇللانماڭلار. ئەگەر كالامنىڭ مېنى نەگە ئاپىرىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، كالام بىلەن شۇغۇللانمىغان بولاتتىم.» hedisim.com (سير أعلام النبلاء 18\468)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: ((وأئمة أهل البدعة أضر على الأمة من أهل الذنوب، ولهذا أمر النبي صلى الله عليه وسلم بقتل الخوارج، ونهى عن قتال الولاة الظلمة)) «بىدئەتچى باشچىلارنىڭ بۇ ئۈممەتكە سالىدىغان زىيىنى گۇناھ-مەئىسىيەت يولىنى تۇتقۇچىلارنىڭ زىيىنىدىنمۇ چوڭ. بۇ ۋەجىدىن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خاۋارىجلارنى ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان، ھالبۇكى زالىم مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى چەكلىگەن.» hedisim.com (مجموع الفتاوى 7\284)
ئەسۋەد ئىبنى سەئد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېدى: «بىر بىدئەتچىنىڭ سۇنىڭ ئۈستىدە مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرسەممۇ، ئۇنى ئەسلا (ھەق ئۈستىدە) دەپ قوبۇل قىلمايمەن.» بۇ سۆزنى ئاڭلىغام ئىمام شافىي (ۋاپاتى: 204) مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ بۇ سۆزى قۇسۇرلۇق سۆز ئەمەس. لېكىن، مەن بىدئەتچىنىڭ ھاۋادا ئۇچۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەممۇ، ئۇنى ئەسلا (ھەق ئۈستىدە) دەپ قوبۇل قىلمايمەن.» hedisim.com (تلبيس إبليس ٢٣)
ئەشئەرىي بىدئەت ئەقىدىسىنىڭ بۈيۈكلىرىدىن ئىمامۇل ھەرمەين ئەبۇلمەئالىي ئەلجۇۋەينى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: (اشهدوا علي أني قد رجعت عن كل مقالة تخالف السنة ، وأني أموت على ما يموت عليه عجائز نيسابور) «گۇۋاھ بولۇڭلاركى، مەن سۈننەتكە زىت جىمىي پىكىردىن (يەنى كالام يولىدىن) ياندىم. مەن نىساپۇرلۇق مومايلار قانداق ئېتىقادتا ئۆلگەن بولسا، شۇ ئېتىقادتا ئۆلۈش ئالدىدىمەن.» hedisim.com (سير أعلام النبلاء 18\474)
ئىمام شافىي، ئىمام ئەھمەد ۋە ئىمام بۇخارىنىڭ زاماندىشى، مەشھۇر ھەدىس ئالىمى ئەھمەد ئىبنى سىنان (ھ 171-256) رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «لَيْسَ فِي الدُّنْيا مُبْتَدِعٌ إلّا وهُوَ يُبْغِضُ أهْلَ الحَدِيثِ فَإذا ابْتَدَعَ الرَّجُلُ نُزِعَ حَلاوَةُ الحَدِيثِ مِن قَلْبِهِ» «دۇنيادا ئەھلى ھەدىسنى پەقەت بىدئەتچىلا ئۆچ كۆرىدۇ. كىشى بىدئەت پەيدا قىلسا، ئۇنىڭ قەلبىدىن ھەدىسنىڭ لەززىتى تارتىۋېلىنىدۇ.» hedisim.com (شرف أصحاب الحديث للخطيب، معرفة علوم الحديث للحاكم ١/٤، شرح لامية ابن تيمية ٢/٢٤)
ئىمام ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «كىمكى كىشىلەرگە پايدا-مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان نەرسىلەرنى تارقاتسا، شۇ پايدا-مەنپەئەت سايىسىدە مەلۇم بىر توغرا ئىبادەتكە يۈزلەنگەن، ياكى مەلۇم بىر بىدئەتتىن، ياكى ھارامدىن يانغان كىشىلەرگە بېرىلىگەن ساۋابنىڭ ئوخشىشى ئۇنىڭغىمۇ بېرىلىدۇ.» hedisim.com (ئىمام ئىبنى باز: مجموع الفوتاوى)
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام ئىككى ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان: (1) ئاللاھتىن باشقا ھېچ نەرسىگە ئىبادەت قىلماسلىق (2) ئاللاھقا ئاللاھ بەلگىلىگەن شەرىئەت بىلەن ئىبادەت قىلىش، بىدئەت بىلەن ئىبادەت قىلماسلىق.» hedisim.com (منهاج السنة 1\481)
ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئىمام ئەۋزائىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: (الْإِيمَانُ يَزِيدُ وَيَنْقُصُ. فَمَنْ زَعَمَ أَنَّ الْإِيمَانَ لَا يَزِيدُ وَلَا يَنْقُصُ فَهُوَ صَاحِبُ بِدْعَةٍ فَاحْذَرُوهُ) «ئىمان ئاشىدۇ ۋە كېمىيىدۇ. كىم ئىماننى ئاشمايدۇ، كېمەيمەيدۇ دەپ داۋا قىلسا، ئۇ بىدئەتچىدۇر، ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەڭلار.» hedisim.com (قرة العينين برفع اليدين في الصلاة للإمام البخاري 73)
[2] رەسۇلۇللاھنىڭ بىدئەتنى ۋە بىدئەتچىلەرنى سۆكۈشى
ئىرباز ئىبنى سارىيە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((فَإِنَّهُ مَنْ يَعِشْ مِنْكُمْ فَسَيَرَى اخْتِلافَاً كَثِيرَاً؛ فَعَلَيكُمْ بِسُنَّتِيْ وَسُنَّةِ الخُلَفَاءِ الرَّاشِدِينَ المّهْدِيِّينَ عَضُّوا عَلَيْهَا بِالنَّوَاجِذِ وَإِيَّاكُمْ وَمُحْدَثَاتِ الأُمُورِ فإنَّ كلّ مُحدثةٍ بدعة، وكُلَّ بِدْعَةٍ ضَلالَةٌ)) «سىلەردىن ھايات ياشايدىغانلار نۇرغۇن ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ. (ئۇ ھالدا) سىلەر مېنىڭ سۈننىتىمگە ۋە ھىدايەتكە ئېرىشكەن راشىد خەلىپىلىرىمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىشىڭلار، سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلىڭلار، سۈننىتىمنى ئېزىق چىشىڭلار بىلەن چىڭ چىشلەڭلار. دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى، دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ھەر قانداق ئىش بىدئەتتۇر، بارچە بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 4607؛ تىرمىزى 2676؛ ئەھمەد 17142، 17044؛ ئەھمەد شاكىر ۋە باشقا مۇھەددىسلەر سەھىھ دېگەن)
جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم خۇتبە ئوقۇغاندا يۈزى قىزىراتتى، ئاۋازىنى كۆتۈرەتتى ۋە غەزىپى ئاشاتتى. بەئەينى «دۈشمەن ئەتىگەن كەچتە يېنىڭلاردا پەيدا بولىدۇ» دەيدىغان قوشۇن جاكارچىسىغا ئوخشاش (جىددىي) ھالەتتە بولاتتى ۋە مۇنداق دەيتتى: «سۆزلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر. يوللارنىڭ ئەڭ خەيرلىكى مۇھەممەدنىڭ يولىدۇر. ئىشلارنىڭ ئەڭ يامىنى دىندا يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىققان ئىشلاردۇر. ھەر قانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر.» hedisim.com (مۇسلىم، بۇغۇلمەرام 439)
- دىققەت، بۇ ھەدىستىن مەلۇمكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەر جۈمە كۈنى جۈمە خۇتبىسىدە ئۈممىتىنى بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرغان. دىندا بىدئەت پەيدا قىلىش ئاللاھقا شىرك كەلتۈرۈشتىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ گۇناھ بولغانلىقتىن، رەسۇلۇللاھ جۈمە خۇتبىسىدەك مۇھىم پەيتتە دائىم ئۈممىتىنى بىدئەتتىن ئاگاھلاندۇرغان.
ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إنّ الله حَجَبَ التوبةَ عن كلِّ صاحبِ بدعة حتى يَدعَ بِدعَتَهُ)) «شەكسىزكى، ئاللاھ بارچە بىدئەتچىنىڭ تەۋبىسىنى تاكى بىدئىتىدىن قول ئۈزگەنگە قەدەر (قوبۇل بولۇشتىن) توسۇپ قويىدۇ.» hedisim.com (ئىمام تەبرانى توپلىغان؛ ئىمام ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛ صحيح الترغيب والترهيب ١\١٣٠)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: (( مَا مِنْ نَبِيٍّ بَعَثَهُ اللَّهُ فِي أُمَّةٍ قَبْلِي إِلَّا كَانَ لَهُ مِنْ أُمَّتِهِ حَوَارِيُّونَ وَأَصْحَابٌ يَأْخُذُونَ بِسُنَّتِهِ وَيَقْتَدُونَ بِهَا ثُمَّ يَخْلُفُ مِنْ بَعْدِهِمْ خُلُوفٌ يَقُولُونَ مَا لَا يَفْعَلُونَ وَيَفْعَلُونَ مَا لَا يُؤْمَرُونَ فَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِيَدِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِلِسَانِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَمَنْ جَاهَدَهُمْ بِقَلْبِهِ فَهُوَ مُؤْمِنٌ وَلَيْسَ وَرَاءَ ذَلِكَ مِنَ الْإِيمَانِ حَبَّةُ خَرْدَلٍ)) «ئاللاھ مەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە ئەۋەتكەن ھەربىر پەيغەمبەرنىڭ، ئۆز ئۈممىتى ئىچىدە ياردەمچىلىرى ۋە ساھابىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۆز پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتى بىلەن ئەمەل قىلىپ، بۇيرۇق-چەكلىمىلىرىگە بويسۇناتتى. ئۇلاردىن كېيىن قىلمايدىغان ئىشىنى سۆزلەيدىغان، (پەيغەمبىرى) ئەمر قىلمىغان ئىشنى (يەنى بىدئەتلەرنى) قىلىدىغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. كىم قولى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم تىلى ئارقىلىق بۇنداقلار بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇ مۆمىندۇر؛ كىم بۇنداقلارغا قەلبى بىلەن جىھاد قىلسا، ئۇمۇ مۆمىندۇر. (پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن سۈننەتتىن باشقىسى بىلەن ئەمەل قىلىدىغانلارغا قارشى) قەلبى بىلەن بولسىمۇ جىھاد قىلمايدىغانلاردا قىچىنىڭ ئۇرۇقىچىلىكمۇ ئىمان يوقتۇر.» (مۇسلىم 86)
وَحَدَّثَنَا أَبُو بَكْرِ بْنُ أَبِي شَيْبَةَ، حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ إِدْرِيسَ، عَنْ حُصَيْنٍ، عَنْ عُمَارَةَ، بْنِ رُؤَيْبَةَ قَالَ رَأَى بِشْرَ بْنَ مَرْوَانَ عَلَى الْمِنْبَرِ رَافِعًا يَدَيْهِ فَقَالَ قَبَّحَ اللَّهُ هَاتَيْنِ الْيَدَيْنِ لَقَدْ رَأَيْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم مَا يَزِيدُ عَلَى أَنْ يَقُولَ بِيَدِهِ هَكَذَا . وَأَشَارَ بِإِصْبَعِهِ الْمُسَبِّحَةِ
سەھىھۇل مۇسلىمنىڭ جۈمە نامىزى بابىدا مۇنۇ ۋەقەلىك بايان قىلىنغان: ھۇسەيىندىن مۇنداق رىۋايەت قىلىنىدۇ: (ساھابە) ئۇمارە ئىبنى رۇۋەيبە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىشر ئىبنى مەرۋاننىڭ مۇنبەردە قول كۆتۈرۈپ دۇئا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ: «ئاللاھ (خۇتبىدە كۆتۈرۈلگەن) بۇ قوللارنى قۇرۇتىۋەتسۇن. مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (جۈمە خۇتبىسىدە دۇئا قىلسا ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ ئەمەس، كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ) مۇنداق قىلغىنىدىن باشقىنى كۆرمىدىم.» ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇنداق دەپ، كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئىشارە قىلدى. | hedisim.com (مۇسلىم 873؛ ئەبۇداۋۇد؛ نەسائىي 1413؛ تىرمىزىي 515)
بىشىر ئىبنى مەرۋان (74-يىلى ۋاپات بولغان) — خەلىپە مەرۋان ئىبنى ھەكەمنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، ئاكىسى ئابدۇلمەلىك ئىبنى مەرۋان خەلىپە بولغاندا، بىشىر ئىبنى مەرۋان ئۇنىڭ ئورنىغا كۇفىگە ۋالىي بولغان. بىشىر ئىبنى مەرۋان جۈمە خۇتبىسىدە ئىككى قولىنى كۆتۈرۈپ دۇئا قىلىپ بىدئەت چىقارغاندا، ساھابە ئۇمارە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىغا دەرھال بەددۇئا قىلىپ، بىدئەتكە ئاشكارا رەددىيە قايتۇرغان. ساھابىلەر دىنغا ئائىت بىر ئىشنىڭ توغرا خاتالىقىنى ئايرىشتا، شۇ ماكان ۋە شۇ پەيتتە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ئۇنداق ئىشنى قىلغان-قىلمىغانلىقىنى ئۆلچەم قىلاتتى. بىدئەت پەيدا قىلغۇچى قانچە چوڭ باشلىق، قانچە چوڭ ھۆكۈمران بولۇپ كەتسۇن دەرھال رەددىيە قايتۇراتتى. ئۇلار بىدئەتكە رەددىيە قايتۇرماسلىقنى — رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە قىلىنغان ئاسىيلىققا سۈكۈت قىلغانلىق ۋە بۇ ئاسىيلىققا شېرىكلەشكەنلىك دەپ بىلەتتى. كۈنىمىزدە، بىدئەتكە رەددىيە قايتۇرۇش «دىندا پىتنە تېرىغانلىق، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىنى بۆلگەنلىك» دەپ قارىلىدىغان يامان ھالەت شەكىللەندى.
تۆۋەندىكى ھەدىس رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سۈننىتىگە خىلاپ يول تۇتقۇچى قەۋملەرنىڭ خارلىقتا قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ
ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بُعِثْتُ بَيْنَ يَدَيِ السَّاعَةِ بِالسَّيْفِ حَتَّى يُعْبَدَ اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، وَجُعِلَ رِزْقِي تَحْتَ ظِلِّ رُمْحِي، وَجُعِلَ الذِّلَّةُ وَالصَّغَارُ عَلَى مَنْ خَالَفَ أَمْرِي، وَمَنْ تَشَبَّهَ بِقَوْمٍ فَهُوَ مِنْهُمْ)) «قىيامەتنىڭ ئالدىدا تاكى شېرىكى يوق يەككە- يېگانە ئاللاھقا ئىبادەت قىلىنغانغا قەدەر قىلىچ بىلەن (جىھاد قىلىش ئۈچۈن) ئەۋەتىلدىم. رىزقىم نەيزەمنىڭ سايىسى ئاستىدا قىلىندى. ئەمىر – پەرمانلىرىمغا خىلاپ يول تۇتقۇچىلار خار – زەبۇنلۇققا مەھكۇمدۇر. كىم بىر قەۋمگە ئوخشىۋالسا، ئۇ شۇلاردىن ھېسابلىنىدۇ.» hedisim.com(مۇسنەد ئەھمەد 5115 – نومۇرلۇق ھەدىس)
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: (( المُتَمَسِّكُ بِسُنَّتِي عِنْدِ اخْتِلاَفِ أُمَّتِي كَالْقَابِضِ عَلَى الجمر)) «ئۈممىتىم (قۇرئان – سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشتىن چەتنەپ) ئىختىلاپقا چۈشكەن ۋاقىتتا سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلغۇچى خۇددى چوغنى سىقىمداپ تۇتۇپ تۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ.» hedisim.com(ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6676)
