ھەدىس | ئۈممىتىم (قۇرئان – سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشتىن چەتنەپ) ئىختىلاپقا چۈشكەن ۋاقىتتا سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلغۇچى

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((المُتَمَسِّكُ بِسُنَّتِي عِنْدِ اخْتِلاَفِ أُمَّتِي كَالْقَابِضِ عَلَى الجمر)) «ئۈممىتىم (قۇرئان – سۈننەتكە مەھكەم ئېسىلىشتىن چەتنەپ) ئىختىلاپقا چۈشكەن ۋاقىتتا سۈننىتىمگە مەھكەم ئېسىلغۇچى خۇددى چوغنى سىقىمداپ تۇتۇپ تۇرغان كىشىگە ئوخشايدۇ.» hedisim.com (ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6676) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

ئىمام سەنئانىي بۇ ھەدىستىكى «ئۈممىتىم ئىختىلاپقا چۈشكەندە» كەلىمىسىنى «بىدئەتلەر ئارقىلىق (ھەقكە قارشى) ئىختىلاپ يولىنى تۇتقاندا» دەپ شەرھلىگەن.  (التنوير شرح الجامع الصغير ١٠/‏٤٦٥ — الصنعاني)

مۇناۋى بۇ ھەدىسنىڭ شەرھىدە مۇنداق دېگەن:

«بۇ ھەدىس ئارقىلىق شۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدىكى، ئاخىر زاماندا مۆمىن كىشى ئۆز ئىمانى سەۋەبلىك جەزمەن بىرىنچى ئەۋلاد (ساھابىلەر) تارتقان ئەزىيەتلەرگە ئوخشاش ئەزىيەتلەرگە دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر بۇ ئاخىرقى دەۋر كىشىلىرىدە دەسلەپكى ئەۋلادلاردا بولغان شۇ خىسلەتلەر (يەنى تەۋھىدكە ئەھمىيەت بېرىش، شىركتىن قېچىش، سۈننەتكە چىڭ يېپىشى بىدئەتتىن قېچىش، تەقۋادارلىق ۋە گۈزەل ئەخلاق ساھىبى بولۇش خىسلىتى) تېپىلسا، ئۇلارنىڭ ياخشىلىقتا ئىلگىرىكىلەر بىلەن تەڭ بولۇشى، ئۇلارغا ئوخشاش مەقامغا ئېرىشىشى مۇمكىندۇر.» (فيض القدير ٦/‏٢٦١ — عبد الرؤوف المناوي)

 

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((يأتي على الناس زمان الصابر فيهم على دينه كالقابض على الجمر)) «كىشىلەرگە شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ زاماندا دىندا سابىت تۇرغان كىشى — قولىدا چوغ سىقىمداپ تۇرغان كىشىگە ئوخشاش بولىدۇ.» hedisim.com (سۇيۇتى: جامىئۇس سەغىر 9988؛ ئەلبانى: سەھىھ جامىئۇس سەغىر 8002) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

يەنى دىنىدا مۇستەھكەم تۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننەتلىرىگە (دىننىڭ پەرز ۋە سۈننەتلىرىگە) كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئەمەل قىلىپ ياشاش بەئەينى قولدا چوغنى تۇتقاندەك قىيىن ۋە مۇشەققەتلىك بولىدۇ.

ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ  ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((ليس منا من عمل بسنة غيرنا)) «بىزنىڭ سۈننىتىمىزدىن باشقا ئىش بىلەن ئەمەل قىلغۇچى بىزدىن ئەمەس.»  hedisim.com (ئەلبانى: الصحيحة ٢١٩٤)

 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ