ھىندىستانغا غازات قىلىدىغان قوشۇننىڭ دوزاخقا كىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىس

ئىمام نەسائىي (3175) ۋە ئىمام ئەھمەد (22396) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئازادگەردىسى سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((عِصَابَتَانِ مِنْ أُمَّتِي أَحْرَزَهُمَا اللَّهُ مِنَ النَّارِ: عِصَابَةٌ تَغْزُو الْهِنْدَ، وَعِصَابَةٌ تَكُونُ مَعَ عِيسَى ابْنِ مَرْيَمَ عَلَيْهِمَا السَّلَام)) «ئۈممىتىمدىن ئىككى تائىپە باركى، ئاللاھ ئۇلارنى دوزاختىن ساقلايدۇ. بىر تائىپە ھىندىستانغا غازات قىلىدۇ، يەنە بىر تائىپە مەريەم ئوغلى ئىيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە بولىدۇ.» hedisim.com (ئەلبانىي «سەھىھ نەسائىي»دا بۇ ھەدىسنى سەھىھ دېگەن)

ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ جامائىتىگە كەلسەك، ئۇلار مەسىھ ئەلەيھىسسالام ئاسماندىن چۈشكەن زاماندا بولىدۇ.

ھىندىستانغا غازات قىلىدىغان جامائەتكە كەلسەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ پەقەت ھىندىستانغا غازات قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.

مۇسۇلمانلار ھىندىستانغا بىر قانچە قېتىم غازات قىلغان: بىر قېتىم ئۇمەۋىيلەر خەلىپىسى ۋەلىد ئىبنى ئابدۇلمەلىك دەۋرىدە، مۇھەممەد ئىبنى قاسىم ئەسسەقەفىينىڭ قوماندانلىقىدا؛ يەنە بىر قېتىم ئابباسىيلار زامانىدا مەھمۇد ئىبنى سۇبۇكتىكىننىڭ (مەھمۇد غەزنەۋىينىڭ) قوماندانلىقىدا يۈز بەرگەن.

ھەدىستە تىلغان ئېلىنغان ھىندىستانغا غازات قىلىدىغان قوشۇن ئۇمەۋىيلەر دەۋرىدە قاسىم ئەسسەقەفىينىڭ قوماندانلىقىدا قىلىنغان غازات بولۇشى مۇمكىن. ئاللاھ ئەڭ توغرىسىنى بىلگۈچىدۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ