ھەدىس | مۆمىن (مۆمىنلىك خىسلىتى بار كىشىلەر بىلەن) چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان كىشىدۇر…

سەھل ئىبنى سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((المؤمن يَأْلَف ولا خير فيمن لا يَأْلَف ولا يُؤْلَف)) «مۆمىن (مۆمىنلىك خىسلىتى بار كىشىلەر بىلەن) چىقىشىپ ئۆتەلەيدىغان كىشىدۇر. باشقا مۆمىنلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدىغان، باشقا مۆمىنلەرمۇ ئۇنىڭ بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدىغان كىشىدە ياخشىلىق يوق.» hedisim.com (مۇسنەد ئەھمەد؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن؛  السراج المنير في ترتيب أحاديث صحيح الجامع الصغير 44) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى

بۇ ھەدىستىكى چىقىشىش مۆمىننىڭ مۆمىن بىلەن چىقىشىشىدۇر. ھەدىستە ھەرگىزمۇ مۆمىننىڭ كاپىرلار بىلەن، مۇناپىق ۋە پاجىرلار بىلەن دوست – بۇرادەر بولۇپ، چىقىشىپ ئۆتۈشى تەرغىپ قىلىنغان ئەمەس.

  • «باشقا مۆمىنلەر بىلەن چىقىشىپ ئۆتەلمەيدىغان» — يەنى تەكەببۇرلۇقى، يامان ئەخلاقى، قۇسۇرچىلىقى ياكى كۆزى كىچىكلىكى سەۋەبلىك چىقىشىپ ئۆتەلمەيدىغان.

چۈنكى، باشقا بىر ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن:

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((لا تُصَاحِبْ إِلا مُؤْمِنًا وَلا يَأْكُلْ طَعَامَكَ إِلا تَقِيٌّ)) «مۆمىندىن باشقىسى بىلەن دوست بولما. تامىقىڭنى تەقۋادار مۆمىندىن باشقىسى يېمىسۇن.» hedisim.com (تىرمىزى 2395؛ ئەبۇ داۋۇد 4832، ئەبۇ سەئد خۇدرىدىن؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا سەھىھ دېگەن)

ئىسلامدا بىدئەتچى، پاسىق، ھارامخور، ئەخلاقسىز كىشىلەر بىلەن دوست – بۇرادەر بولۇشۇش چەكلەنگەن. دوستلۇق، چىقىشىپ ئۆتۈش مۆمىنلەر ئارا بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:((الرَّجُلُ عَلَى دِينِ خَلِيلِهِ فَلْيَنْظُرْ أَحَدُكُمْ مَنْ يُخَالِلُ)) «كىشى ئۆز دوستىنىڭ دىنىدا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزىنىڭ كىمنى دوست تۇتقانلىقىغا قارىسۇن.» hedisim.com (تىرمىزى 2378؛ ئەبۇ داۋۇد 4833، ئەبۇ ھۇرەيرەدىن؛ ئەلبانى سەھىھ تىرمىزىدا سەھىھ دېگەن)

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ