قىيامەتكە قەدەر ھەقتە تۇرىدىغان تائىپە قايسى؟
ھەدىس خەزىنىسى تورى
سەۋبان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
((لا تَزالُ طائِفَةٌ مِن أُمَّتي ظاهِرِينَ علَى الحَقِّ، لا يَضُرُّهُمْ مَن خَذَلَهُمْ، حتَّى يَأْتِيَ أمْرُ اللهِ))
«مېنىڭ ئۈممىتىمدىن بىر تائىپىنىڭ ھەق ئۈستىدە ئوچۇق-ئاشكارە بولغان ھالدا1 ھەقتە مېڭىشى داۋاملىشىدۇ. ئۇلارنى تەرك ئەتكەنلەر ئۇلارغا زىيان سالالمايدۇ. بۇ ھال قىيامەت قايىم بولغانغا قەدەر داۋام قىلىدۇ.» hedisim.com
— مۇسلىم 1920 | 1. ھافىز ئىبنى ھەجەرنىڭ تەبىرى
«ھەق ئۈستىدە ئوچۇق-ئاشكارە بولغان ھالدا» يەنى ئۇلار مەخپىي، كىشىلەرگە بىلىنمەي قالغان كىشىلەر ئەمەس، ئوچۇق-ئاشكارىدۇر ۋە مەشھۇردۇر. ئىبنى ھەجەرنىڭ تەبىرى.
— شرح كتاب التوحيد من صحيح البخاري لعبد الله بن محمد الغنيمان 2\236 | hedisim.com
ئىمام بۇخارى ھەقتە ئوچۇق-ئاشكارە بولغان ھالدا داۋام قىلىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى بايان قىلىپ، «ئۇلار ئەھلى ئىلىمدۇر» دېگەن. hedisim.com (فەتھۇلبارى 13\393)
ئىمام ئەھمەد ھەدىستە بايان قىلىنغان كىشىلەرنىڭ كىملىكىنى بايان قىلىپ «ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىدىغان بۇ تائىپە ئەسھابۇل ھەدىس بولمىسا، باشقا كىم ئىكەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن» دېگەن.
— شرح كتاب التوحيد من صحيح البخاري لعبد الله بن محمد الغنيمان 2\236 | hedisim.com
ئىمام تىرمىزى سۇنەن تىرمىزىدا بۇ ھەقتىكى ھەدىسنى نەقىل قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن: مەن مۇھەممەد ئىبنى ئىسمائىلنىڭ (يەنى ئىمام بۇخارىنىڭ) مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ئىمام بۇخارى دېدىكى، مەن ئەلىي ئىبنى مەدىينىينىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «ئۇلار ئەسھابۇل ھەدىستۇر.» hedisim.com
— سنن الترمذي» (٤/٥٠٤ – ٥٠٥) رقم (٢٢٢٩)
(ئەھلى ھەدىس — ھەدىسنى ئۆگىنىش، ھەدىسكە ئەمەل قىلىش، ھەدىسنى ئۆگىتىش، ئۇنى تارقىتىش يولىغا ئۆزىنى ئاتىغان، تۈرلۈك ئەقىدىۋىي ۋە ئەمەلىي بىدئەتلەردىن ھەر دائىم ئۇزاق تۇرىدىغان، جۈملىدىن دىنغا ئەڭ كامىل رەۋىشتە ئەمەل قىلىش يولىنى تۇتقان، رەسۇلۇللاھقا مۇستەھكەم ئەگىشىشتىن ھېچبىر زامان بۇرۇلۇپ كەتمەيدىغان ، رەببانىي ئۆلىمالاردۇر).
