مەدىنىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدىكى ھەدىسلەر
(ھەدىسلەرنى ۋە شەرھىنى قۇدرەت بارات تەرجىمە قىلغان)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إِنَّ الإِيمَانَ لَيَأْرِزُ إِلَى الْمَدِينَةِ كَمَا تَأْرِزُ الْحَيَّةُ إِلَى جُحْرِهَا)) «يىلان ئۆز ئۇۋىسىغا قايتقاندەك، ئىمان مەدىنىگە قايتىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 1876)
سەئىد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: (( لاَ يَكِيدُ أَهْلَ الْمَدِينَةِ أَحَدٌ إِلاَّ انْمَاعَ كَمَا يَنْمَاعُ الْمِلْحُ فِي الْمَاءِ )) «قانداقلا بىر كىشى مەدىنە ئەھلىگە زىيان سېلىش ئۈچۈن توزاق قۇرسا، ئۇ كىشى خۇددى تۇز سۇدا ئېرىگەندەك ئېرىپ (ھالاك بولۇپ) كېتىدۇ. » hedisim.com (بۇخارى 1877)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((إن الإسلام بدأ غريبا وسيعود غريبا كما بدأ. وهو يأرز بين المسجدين كما تأرز الحية في جحرها)) «ئىسلام غېرىپ ھالەتتە باشلاندى، كەلگۈسىدە يەنە غېرىپلىق ھالىتىگە قايتىدۇ. يىلان ئۆز ئۇۋىسىغا قايتقاندەك، ئىسلام ئىككى مەسجىد (يەنى ھەرەم مەسجىدى بىلەن پەيغەمبەر مەسجىدى) ئارىسىغا قايتىدۇ.» hedisim.com (مۇسلىم 146)
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن:
جَاءَ أَعْرَابِيٌّ النَّبِيَّ صلى الله عليه وسلم فَبَايَعَهُ عَلَى الإِسْلاَمِ، فَجَاءَ مِنَ الْغَدِ مَحْمُومًا، فَقَالَ أَقِلْنِي، فَأَبَى ثَلاَثَ مِرَارٍ، فَقَالَ » الْمَدِينَةُ كَالْكِيرِ، تَنْفِي خَبَثَهَا، وَيَنْصَعُ طَيِّبُهَا «.
ئەئرابىيلاردىن بىرى كېلىپ رەسۇلۇللاھقا ئىسلام ئۈستىدە بەيئەت بەرگەن ئىدى. ئەتىسى قىززىتمىسى ئۆرلەپ كەتكەن ھالەتتە كېلىپ «مېنىڭ بەيئىتىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغىن» دېدى. (ئۇ مۇشۇ تەلەپ بىلەن ئۈچ قېتىم كەلدى) رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ بۇ تەلىپىنى ئۈچىلى قېتىمدا رەت قىلدى. ئاقىۋەتتە «مەدىنە تۆمۈرچىنىڭ كۆرىكىگە ئوخشايدۇ. ئۇ ئۆز كىرلىرىنى (داشقاللىرىنى) چىقىرىپ تاشلايدۇ، ياخشىلىرى (جەۋھەرلىرى) بولسا سۈزۈلۈپ جۇلالىنىدۇ.» (بۇخارى 1883-ھەدىس)
ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَنِ اسْتَطَاعَ أَنْ يَمُوت بالمدية فليمت لَهَا فَإِنِّي أَشْفَعُ لِمَنْ يَمُوتُ بِهَا)) «كىم مەدىنىدە ۋاپات بولۇشقا قادىر بولالىسا، مەدىنىدە ۋاپات بولسۇن. چۈنكى، مەن (مۆمىن مۇسۇلمانلاردىن) مەدىنىدە ۋاپات تاپقانلارنى (قىيامەت كۈنى) شاپائەت قىلىمەن.» hedisim.com (تىرمىزى 3917؛ مىشكات مەسابىھ 2750؛ سەھىھ جامىئۇس سەغىر 6015؛ سەھىھ ئىبنى ھىببان 3741؛ نەسائىي: سۇنەن كۇبرا؛1971 ئىمام ئەلبانى «سەھىھ تىرمىزى»دا ۋە «سەھىھ جامىئۇس سەغىر» دا سەھىھ دېگەن؛ شۇئەيب ئارنائۇت «تخريج صحيح ابن حبان»دا سەھىھ دېگەن)
ئىمام بۇخارى سەھىھۇل بۇخارىدا مۇنداق نەقىل قىلغان: ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دۇئا قىلغانلىقى نەقىل قىلىنىدۇ: «ئى رەببىم! ماڭا سېنىڭ يولۇڭدا شەھىد بولۇشنى رىزق قىلىپ بەرگىن! ئۆلۈمۈمنى رەسۇلۇڭ (مۇھەممەد) سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ شەھرىدە (يەنى مەدىنىدە) قىلىپ بەرگىن.» hedisim.com (بۇخارى 1890)
سۇفيان ئىبنى ئەبى زۇھەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن: ((يُفْتَحُ اليَمَنُ، فَيَأْتِي قَوْمٌ يَبُسُّونَ، فَيتحَمَّلُونَ بِأهْلِيهِمْ وَمَنْ أطاعَهُمْ، والمَدِينَةُ خَيْرٌ لَهُمْ لو كانُوا يَعْلَمُونَ، ويُفْتَحُ الشَّامُ، فَيَأتِي قَوْم يَبُسُّونَ، فَيتحَمَّلُونَ بِأَهْلِيهِمْ وَمَنْ أطَاعَهُمْ، والمَدِينَةُ خَيْرٌ لَهُمْ لو كانُوا يَعْلَمُونَ، ويُفْتَحُ العِراقُ، فَيَأْتِي قَوْم يَبُسونَ فَيتحَمَّلُونَ بأَهْلِيهِمْ وَمنْ أطاعَهُمْ، والمَدِينَةُ خَيْرٌ لَهُمْ لو كانُوا يَعْلَمُونَ)) «يەمەن فەتھ قىلىنىدۇ ۋە بىر تۈركۈم كىشىلەر يەمەنگە كېلىشىدۇ، ئائىلىسى بىلەن ۋە ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغانلار بىلەن بىللە يەمەنگە كۆچىدۇ. ھالبۇكى، بىلگەن بولسا، مەدىنە ئۇلار ئۈچۈن خەيرلىك ئىدى. شام فەتىھ قىلىنىدۇ، بىر تۈركۈم كىشىلەر شامغا كېلىشىدۇ، ئائىلىسى بىلەن ۋە ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغانلار بىلەن بىرلىكتە شامغا كۆچىدۇ. ھالبۇكى، بىلگەن بولسا، مەدىنە ئۇلار ئۈچۈن خەيرلىك ئىدى. ئىراق فەتىھ قىلىنىدۇ، بىر تۈركۈم كىشىلەر شامغا كېلىشىدۇ، ئائىلىسى بىلەن ۋە ئۆزىگە ئىتائەت قىلىدىغانلار بىلەن بىرلىكتە شامغا كۆچىدۇ. ھالبۇكى، بىلگەن بولسا، مەدىنە ئۇلار ئۈچۈن خەيرلىك ئىدى.» (بۇخارى 1875؛ مۇسلىم 1388؛ مىشكات مەسابىھ 2736) * ئىمام ئىبنى ھەجەر ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى نەقىل قىلغان: بۇ ھەدىس رەسۇلۇللاھنىڭ پەيغەمبەرلىك مۆجىزىلىرىدىن بىرى بولۇپ، يۇقىرىقى ئۆلكە-شەھەرلەر ھەدىستە تىلغا ئېلىنغان تەرتىپ بويىچە فەتىھ قىلىنغان. (فەتھۇلبارى)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «ئۆيۈم بىلەن مۇنبىرىمنىڭ ئارىسى جەننەت جەننەت باغچىلىرىدىن بىر باغچىدۇر. مۇنبىرىم ھەۋزى كۆلۈمنىڭ ئۈستىدىدۇر.» hedisim.com (بۇخارى 1888)
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:
«مَنْ جَاءَ مَسْجِدي هَذَا لم يَأْته إِلَّا لِخَيْرٍ يَتَعَلَّمُهُ أَوْ يُعَلِّمُهُ فَهُوَ بِمَنْزِلَةِ الْمُجَاهِدِ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَمَنْ جَاءَ لِغَيْرِ ذَلِكَ فَهُوَ بِمَنْزِلَةِ الرَّجُلِ يَنْظُرُ إِلَى مَتَاعِ غَيْرِهِ»
«كىم مېنىڭ بۇ مەسجىدىمگە پەقەت ۋە پەقەت بىر ياخشىلىقنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ياكى بىر ياخشىلىقنى ئۆگىتىش ئۈچۈن كەلسە، كېلىش مەقسىتى پەقەت مۇشۇلا بولسا، بۇنداق كىشىنىڭ مەرتىۋىسى ئاللاھ يولىدىكى مۇجاھىدنىڭ مەرتىۋىسىدە بولىدۇ. مەسجىدىمگە بۇنىڭدىن باشقا مەقسەت بىلەن كەلگەن كىشى بولسا، باشقىسىغا ئائىت مالغا قارىغان كىشىنىڭ دەرىجىسىدە بولىدۇ.» (ئىبنى ماجە 227؛ بەيھەقى: شۇئبۇل ئىيمان؛ ھاكىم: بۇخارى ۋە مۇسلىمنىڭ شەرتىگە بىنائەن سەھىھ دېگەن؛ زەھەبى بۇ باھاغا قوشۇلغان. ئەلبانى: ئىمام مۇسلىم شەرتىگە بىنائەن سەھىھ، دېگەن.)
شەيخ ئەبۇلھەسەن سىندىي رەھىمەھۇللاھ سۈنەن ئىبنى ماجەگە يازغان ئىزاھاتىدا مۇنداق دېگەن: باشقىسىغا ئائىت مالىغا قارىغان كىشى — يەنى بازارغا بېرىپ يا بىر نەرسە ساتماي، ياكى بىر نەرسە سېتىۋالماي، كىشىلەرنىڭ ماللىرىغا قاراپ ئايلىنىپ يۈرگەن كىشىدۇر. بۇ كىشى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بىرەر پايدىغا ئېرىشەلەمدۇ؟ [حاشية السندي (١/ ٢١١)]
— ھەدىس خەزىنىسى تورى تارقاتتى | hedisim.com
