بەررا ئىبنى ئازىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((زينوا القرآن بأصواتكم)) «قۇرئاننى ئاۋازىڭلار بىلەن زىننەتلەڭلار.» hedisim.com (ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، نەسائى، دارىمى، ھاكىم قاتارلىق توپلىغان؛ ئەلبانى سەھىھ دېگەن)
ئىمام نەۋەۋىدىن مۇشۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى سورالغاندا، مۇنداق جاۋاب بەرگەن: بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى «قۇرئاننى ئوقۇغۇنىڭلاردا ئاڭلىغۇچىلار ھوزۇر ئالىدىغان شەكىلدە، گۈزەل ئاۋازدا ئوقۇڭلار» دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈۋچىدۇر. (فَتَّاوَى الإِمامِ النَّوَوَيِ 264) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئىمام ئەلبانى رەھىمەھۇللاھ قاتارلىق ئالىملار «ئايال كىشىنىڭ يات ئەر ئالدىدا قۇرئان ئوقۇشى جائىز ئەمەس. چۈنكى، قۇرئاننى ئوقۇغان كىشى ئاۋازىنى گۈزەللەشتۈرۈپ، تەجۋىد قائىدىسىگە سېلىپ، ھەرپلەرنى ئۆز ئورنىدىن چىقىرىپ، چىرايلىق ئوقۇشقا تىرىشىدۇ. ئايال كىشى قۇرئاننى بۇ شەكىلدە ئوقۇغاندا ئاۋازىنى گۈزەل قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. نەتىجىدە ئايال كىشىنىڭ قۇرئاندىكى ئاۋازى پىتنە بولىدۇ. شۇڭا، خانىم – قىزلارنىڭ يات ئەرگە قۇرئان ئوقۇشى جائىز ئەمەس» دېگەن. ئاللاھ قۇرئاندا ئاياللارنى ئەرلەرگە قارشى ئاۋازىنى گۈزەللەشتۈرمەسلىككە بۇيرۇغان، بولمىسان قەلبىدە كېسەل بار كىشى ئاياك كىشىدىن تەمەدە بولۇپ قالىدۇ، دەپ ئاياللارنى بۇنىڭدىن چەكلىگەن.
