ئىمام بارباھارى مۇنداق دېگەن: (وإذا رأيت الرجل يدعو على السلطان فاعلم أنه صاحب هوى، وإذا رأيت الرجل يدعو للسلطان بالصلاح فاعلم أنه صاحب سنة إن شاء الله.) «ئەگەر بىر كىشىنىڭ سۇلتانغا (مۇسۇلمان ھۆكۈمدارغا) قارشى دۇئا قىلىۋاتقىنىنى كۆرسەڭ، بىلگىنكى ئۇ ھاۋايى – ھەۋىسىگە ئەگەشكۈچىدۇر. ئەگەر بىر كىشىنىڭ سۇلتاننىڭ ئىسلاھى (ئاللاھ ياخشى كۆرىدىغان ياخشى ھالەتتە بولۇشى) ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقىنىنى كۆرسەڭ، بىلگىنكى ئۇ — ئىنشائاللاھ — سۈننەت ساھىبىدۇر.» hedisim.com (شرح السنة للبربهاري) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن : ((يَكُونُ بَعْدِي أَئِمَّةٌ لاَ يَهْتَدُونَ بِهُدَاىَ وَلاَ يَسْتَنُّونَ بِسُنَّتِي وَسَيَقُومُ فِيهِمْ رِجَالٌ قُلُوبُهُمْ قُلُوبُ الشَّيَاطِينِ فِي جُثْمَانِ إِنْسٍ قَالَ قُلْتُ كَيْفَ أَصْنَعُ يَا رَسُولَ اللَّهِ إِنْ أَدْرَكْتُ ذَلِكَ قَالَ تَسْمَعُ وَتُطِيعُ لِلأَمِيرِ وَإِنْ ضُرِبَ ظَهْرُكَ وَأُخِذَ مَالُكَ فَاسْمَعْ وَأَطِعْ)) «(كەلگۈسىدە) شۇنداق ھۆكۈمدارلار مەيدانغا چىقىدۇكى، ئۇلار مېنىڭ ھىدايەت يولۇمدا ماڭمايدۇ، مېنىڭ سۈننىتىمنى سۈننەت قىلىپ تۇتمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قەلبى شەيتاننىڭ قەلبىگە، جىسمى ئىنساننىڭ جىسمىگە ئوخشايدىغان كىشىلەر مەيدانغا چىقىدۇ.» ھۇزەيفە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ «ئى رەسۇلۇللاھ! ئۇنداقلارغا يولۇقسام قانداق قىلىمەن» دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم «سۆزىنى ئاڭلايسەن، ئىتائەت قىلىسەن، ئەگەر ئۇلار سېنىڭ دۈمبەڭگە ئۇرۇپ، پۇل-مېلىڭنى ئېلىۋالغان تەقدىردىمۇ سۆزىنىڭ ئاڭلايسەن ۋە ئىتائەت قىلىسەن» دېدى. | hedisim.com (ئىمام مۇسلىم توپلىغان)
ئىمام بارباھارى سەلەپ دەۋرىگە يېقىن ئەسىرلەردە ياشىغان مەشھۇر مۇجتەھىد ئالىم بولۇپ، بۇ زات سۇلتانغا قارشى چىقماسلىقنى ئەھلى سۈننەت ئېتىقادى دەپ ناھايىتى كۈچەپ تەشۋىق قىلغان، ئەمما ئۇنىڭ بىدئەتچىلەر ھەققىدىكى، ئەقىدە ھەققىدىكى توغرا بايانلىرى سۇلتاننىڭ ئەتراپىنى ئورىۋالغان ئازغۇن ئەھلى بىدئەت تەرىپىدىن قاتتىق قارىلىنىپ، بىدئەتچىلەر ئىمام بارباھارىنى تۇتۇش ئۈچۈن سۇلتاننى كۈشكۈرتكەن. نەتىجىدە، ئىمام بارباھارى يوشۇرۇنۇپ، مۆكۈپ ياشاپ، شۇ ھالەتتە غېرىپلىق ئىچىدە ۋاپات تاپقان. ئەمما، نامىزىغا ئاق كىيىم كىيگەن بىر توپ كىشى ھازىر بولغان بولۇپ، بۇلار ئىنسان سۈرىتىكى پەرىشتىلەر دەپ قارالغان. بۈگۈنكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باش مۇپتىسى، مەشھۇر ئالىم، پروفسور دوكتور سالىھ فەۋزانمۇ سۇلتانغا قارشى چىقىشقا قارشى تۇرىدىغان ئالىم بولسىمۇ، بۇ زاتنىڭ جىيەنى، تونۇلغان ئالىم ئابدۇلئەزىز فەۋزان سەئۇدى ئەرەبىستان تۈرمىسىدە ياتماقتا.
- دېمەكچى بولغىنىمىز، بۇ ئالىملار خان – پادىشاھلارغا گۇپپاڭچىلىق، يالاقچىلىق قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇيرۇقىنى خەلقكە ئەينەن يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەدىسنى بۇرمىلماي ئوچۇق رەۋىشتە ھەدىسنىڭ ھۆكمىگە ئۇيغۇن بولغان ئاشۇ سۆزنى ئېيتىدۇ. مەيلى ئىمام بارباھارى بولسۇن، مەيلى سالىھ فەۋزان بولسۇن «سۇلتانغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ» دېگەن ئەھلى سۈننەت ئېتىقادىنى قوغداش سەۋەبلىك پادىشاھپەرەس گۇپپاڭچى ئالىم بولغان بولسا، ئىمام بارباھارى سۈرگۈندە مۆكۈپ يۈرۈپ ۋاپات بولمىغان بولاتتى؛ شەيخ فەۋزاننىڭ تۇغقانلىرىمۇ تۈرمىدە ياتمىغان بولاتتى.
كۈنىمىزدە «سۇلتانغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقەتلىكىنى بىلىدغان، ئەمما «بۇنداق دېسەم مۇسۇلمان ئۈممىتى مېنى پادىشاھپەرەس، غالچا ئالىمكەن دەپ قالىدۇ» دەپ تۈگۈلۈپ تۇرۇۋالىدىغان قورقۇنچاق، جاسارەتسىز ئالىملارمۇ يوق ئەمەس. بۇ خىل ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى مۇسۇلمان ھۆكۈمدارغا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ، ئەمما ئۇ كىمنى گۇناھلىق ئىشقا بۇيرۇسا، ئىتائەت قىلىشقا بولمايدۇ، دەيدۇ. - نۇرغۇن كىشىلەر «پادىشاھقا ياخشىلىقتا ئىتائەت قىلىش ۋاجىپ» دېگەن ئالىمنى ئوردا موللىسى دەپ ئاتايدۇ. ئەمما بۇنداق دېگەن ئالىمنىڭ بۇ سۆزى ئەسلىدە سەھىھ ھەدىسكە يۈزدە يۈز ئۇيغۇن. سەھىھ ئەقىدىنى دىن تونى كىيىۋالغان دۈشمەنلىرى باتىل ئەقىدىسى ۋە دۇنياۋى مەنپەئەتلىرى سەۋەبلىك رەسۇلۇللاھنىڭ «جىسمى ئىنساننىڭ جىسمىدەك، قەلبى شەيتاننىڭ قەلبىدەك ئەمىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شۇلار سېنىڭ مېلىڭنى ئېلىۋالسىمۇ، دۈمبەڭگە ئۇرسىمۇ ئىتائەت قىل» (مۇسلىم توپلىغان) قاتارلىق سەھىھ ھەدىسلىرىنى ئىزچىل خەلقتىن يوشۇرۇپ، رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەدىسىگە ئۇيغۇن سۆز قىلغان ئالىملارنى ھەدەپ دۈشمەن كۆرسىتىشكە كۈچەيدۇ.
