ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ مۇنداق دېگەن: ((الْكُوبَةُ حَرَامٌ، وَالدُّفُّ حَرَامٌ، وَالْمَعَازِفُ حَرَامٌ، وَالْمَزَامِيرُ حرام)) «ناغرا* ھارام، داپ ھارام، (داقا – دۇمباق تىپىدىكى) ئۇرۇپ تۇرۇپ چېلىنىدىغان سازلار ھارام، (نەي قاتارلىق) پۈۋلەپ چېلىنىدىغان سازلار ھارام.» hedisim.com (بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا؛ ئىمام ئىبنى ھەجەر «المطَالبُ العَاليَةُ» ناملىق ئەسىرىنىڭ «گۇۋاھلىقى قوبۇل قىلىنماي رەت قىلىنىدىغان كىشىلەر» دېگەن بابىدا نەقىل قىلغان ۋە سەھىھ دېگەن: ئىمام ئەلبانى «صحيح الجامع» (3076) دە سەھىھ دېگەن؛ ئىمام سەنئانى بىز «ناغرا» دەپ تەرجىمە قىلغان «الْكُوبَة»نى : ئۇ ئوتتۇرىسى تار، ئىككى ئۇچى كەڭ بولغان دۇمباقتۇر؛ ئۇنى چېلىش (ئاڭلاش) ھارام، شۇنداقلا ئۇنىڭ پۇلىمۇ ھارام، دېگەن. قاراڭ: «التنوير شرح الجامع الصغي» 5\247)
عَنْ قَيْسِ بْنِ سَعْدِ بْنِ عُبَادَةَ، أَنَّ رَسُولَ اللهِ ﷺ قَالَ: «إِنَّ رَبِّي حَرَّمَ عَلَيَّ الْخَمْرَ وَالْمَيْسِرَ وَالْقِنِّينَ وَالْكُوبَةَ». قَالَ أَبُو زَكَرِيَّا: الْقِنِّينُ: الْعُودُ
قەيس ئىبنى سەئىد ئىبنى ئۇبادە رەزىيەللاھۇما ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: «شەكسىزكى، رەببىم ماڭا ھاراقنى، قىمارنى، قىننىيننى (دەستىسى قىسقا تارىلىق چالغۇ) ۋە ناغرا (دۇمباقنى) ھارام قىلدى.» ئەبۇ زەكەرىيا «قىننىين»نىڭ نېمىلىكىنى بايان قىلىپ «قىننىين — ئۇدتۇر» دېدى. hedisim.com (بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 20996 – ھەدىس) (ئۇد — گىتارغا ئوخشايدىغان، قازاقلارنىڭ دومبۇراسىغا ئوخشايدىغان تارىلىق چالغۇ.) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: عَنْ قَيْسِ بْنِ سَعْدِ بْنِ عُبَادَةَ، أَنَّ رَسُولَ اللهِ ﷺ قَالَ: «إِنَّ رَبِّي حَرَّمَ عَلَيَّ الْخَمْرَ وَالْمَيْسِرَ وَالْقِنِّينَ وَالْكُوبَةَ». قَالَ أَبُو زَكَرِيَّا: الْقِنِّينُ: الْعُودُ
