مۇسۇلمان ئايالنىڭ سىرتتا كىيگەن كىيىمى ئۇنىڭ مۈرىسىنىڭ ياكى بېشىنىڭ شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ قويۇشى دۇرۇسمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: دۇنياغا مەشھۇر ھەرەم ئۆلىماسى، ئەللامە ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن رەھىمەھۇللاھ
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
سوئال:
مۇسۇلمان ئاياللار ئارىسىدا مۈرىسىنىڭ شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ تۇرىدىغان ئابايا كىيىشى ۋە بېشىنىلا لېچەك بىلەن يۆگىۋېلىش ئەھۋالى ئومۇملاشتى. بۇنداق ئابايا بەدەنگە ئايال كىشىنىڭ كۆكرىكىنى ۋە بەدەن قۇرۇلمىسىنى بىلنەشتۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار بۇ لىباسنى مودا قوغلىشىش ياكى نام چىقىرىش ئۈچۈن كىيىدۇ. بۇ لىباسنىڭ ھۆكمى نېمە؟ بۇ شەرئى ھىجاب ھېسابلىنامدۇ؟ پەيغەمبەر ﷺ نىڭ: «دوزاخ ئەھلىدىن مەن كۆرمىگەن ئىككى تائىپە بار…» دېگەن ھەدىسى بۇلارغا چۈشەمدۇ؟ بىزگە بۇ ھەقتە پەتىۋا بەرگەن بولسىلا، ئاللاھ سىلىنى ساۋاب ۋە ياخشىلىق بىلەن مۇكاپاتلىسۇن.
جاۋاب:
ئاللاھ تائالا مۆمىن ئاياللارنى تولۇق يېپىنىشقا ۋە ھىجابلىنىشقا بۇيرۇپ مۇنداق دېگەن: {يا أيها النبي قل لأزواجك وبناتك ونساء المؤمنين يدنين عليهن من جلابيبهن} ﴿ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭغا، قىزلىرىڭغا ۋە مۆمىنلەرنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنكى، ئۇلار جىلبابلىرى بىلەن ئۈستى بېشىنى ئورىسۇن…﴾ (ئەھزاب سۈرىسى، 59-ئايەت). جىلباپ — ئايال كىشى پۈركىنىدىغان، بېشىنى ۋە پۈتۈن بەدىنىنى ياپىدىغان كىيىمدۇر. ئەسلىدە بۇ كىيىملەر پۈتۈن بەدەننى يېپىش، (بەدەن ئەزالىرىنى ھېچبىر يېرىنى كۆرسەتمەسلىك ۋە شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ قويماسلىق) ئۈچۈن باشتىن كىيىلىدۇ. ئايال كىشىنىڭ جىلباب كىيىشى — باشقىلارنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قارىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان يېپىنىش ۋە ھىجابلىنىش جۈملىسىدىندۇر. شۇڭا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: {ذلك أدنى أن يعرفن فلا يؤذين} ﴿بۇ ئۇلارنىڭ (ئىپپەتلىك ئاياللار دەپ) تونۇلۇشىغا، نەتىجىدە ئەزىيەتكە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ يېقىندۇر.﴾ (ئەھزاب سۈرىسى، 59-ئايىتىدىن)
شەك-شۈبھىسىزكى، مۇسۇلمان ئايالنىڭ بېشىنىڭ، ياكى مۈرىلىرىنىڭ ئېنىق بىلىنىپ تۇرۇشى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىدىغان ئىشلاردىندۇر. ئەگەر ئايال كىشى ئابايانى مۈرىسىگە ئارتىپ كىيسە، بۇ بىر تەرەپتىن ئەرلەرگە ئوخشىۋالغانلىق بولىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن بېشىنىڭ، بوينىنىڭ ۋە مۈرىسىنىڭ ھەجىمىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. شۇنداقلا كۆكرەك، دۈمبە ۋە باشقا بەدەن ئەزالىرىنىڭ شەكلىنى بىلنەشتۈرۈپ قويىدۇ. گەرچە ئۇ ئايال ئىپپەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ خىل كىيىنىش پىتنىگە، كىشىلەرنىڭ تىكىلىپ قارىشىغا ۋە يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ يېقىنلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
شۇنىڭغا ئاساسەن، ئايال كىشىنىڭ مۈرىسىنى بىلەشتۈرۈپ تۇرىدىغان ئابايىنى كىيىپ سىرتلاردا، يات ئەرلەر بار جايدا يۈرۈشى جائىز ئەمەس، چۈنكى بۇنىڭدا يۇقىرىقىدەك شەرئىي چەكلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىش باردۇر. شۇنداقلا بۇ كىيىنىش شەكلىنىڭ پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنۇ ھەدىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇش دائىرىسىگە كىرىپ قېلىشىدىن قورقىلىدۇ: (صنفان من أمتي من أهل النار …) إلى قوله: (ونساء كاسيات عاريات مميلات روؤسهن كأسنمة البخت المائلة لا يدخلن الجنة ولا يجدن ريحها.. الخ) «ئۈممىتىم ئىچىدە دوزاخ ئەھلىدىن بولغان ئىككى تائىپە بار… ئۇلار كىيىم كىيگەن، ئەمما (كىيگەن كىيىمىنىڭ تارلىقى ياكى نېپىزلىكىدىن) يالىڭاچ، باشقىلارنى ئۆزىگە مايىل قىلغۇچى ۋە ئۆزىمۇ مايىل بولغۇچى، باشلىرى تۈگىنىڭ لوكىسىدەك ئاياللاردۇر. ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ، جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ…» (مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان). ئاللاھ ئەڭ ياخشى بىلگۈچىدۇر.
