ھەدىس | «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالسۇن» مۇ؟

ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشىنىڭ تاھارەت ئېلىش، ئالماسلىقى توغرىسىدىكى زىددىيەتلىك ھەدىسلەرنىڭ خۇلاسىسى

ھەدىس خەزىنىسى تورى

بۇسرە بىنتى سەفۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن، مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: ((مَنْ مَسَّ ذَكَرَهُ فَلْيَتَوَضَّأْ)) «زەكىرىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالسۇن.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد 181؛ نەسائىي 444؛ ئىبنى ماجە 448؛ دارىمىي 721؛ ئەلبانى <سەھىھ> دېگەن)

مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئۇممۇ ھەبىبە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((مَنْ مَسَّ فَرْجَهُ فَلْيَتَوَضَّأْ)) «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالسۇن.» hedisim.com (مۇسەننەف ئىبنى ئەبى شەيبە 1670)

ئەمر ئىبنى شۇئەيب بوۋىسى، بۈيۈك ساھابە ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن ھەدىس نەقىل قىلىپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان:

((أَيُّمَا رَجُلٍ مَسَّ فَرْجَهُ فَلْيَتَوَضَّأْ , وَأَيُّمَا امْرَأَةٍ مَسَّتْ فَرْجَهَا فَلْتَتَوَضَّأْ)) «قانداقلا بىر ئەر كىشى ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت ئالسۇن. قانداقلا بىر ئايال كىشى ئەۋرىتىنى تۇتسا تاھارەت ئالسۇن.» hedisim.com (سۇنەن داراقۇتنىي 474؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 580؛ )

بۇسرە بىنتى سەفۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((مَنْ مَسَّ ذَكَرَهُ فَلاَ يُصَلِّي حَتَّى يَتَوَضَّأَ)) «زەكىرىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالمىغۇچە ناماز ئوقۇمىسۇن.» hedisim.com (تىرمىزى 82؛ نەسائى 447؛ بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 568؛ داراقۇتنى 467؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 431؛ ھەدىسنىڭ لەۋزى ئىمام نەسائىيغا ئائىت؛ ئىمام زەھەبى « تنقيح التحقيق في أحاديث التعليق» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئىمام بۇخارى بۇ ھەدىسنى مۇشۇ مەزمۇندىكى ئەڭ سەھىھ ھەدىس دېگەن.»)

بۇسرە بىنتى سەفۋان رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((إِذَا أَفْضَى أَحَدُكُمْ بِيَدِهِ إِلَى فَرْجِهِ فَلْيَتَوَضَّأْ)) «سىلەردىن بىرىڭلار قولىنى جىنسىي ئەزاسىغا تەگكۈزسە تاھارەت ئالسۇن.» hedisim.com (سۇنەن نەسائىي 445)

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ((مَنْ مَسَّ ذَكَرَهُ فَلْيَتَوَضَّأْ)) «ئەۋرىتىنى تۇتقان كىشى تاھارەت ئالسۇن.» hedisim.com (ئابدۇررازاق: مۇسەننەف 401)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇندق دېگەنلىكىنى بايان قىلغان: ((إِذَا أَفْضَى أَحَدُكُمْ بِيَدِهِ إِلَى فَرْجِهِ حَتَّى لا يَكُونُ بَيْنَهُ وَبَيْنَهُ حِجَابٌ وَلا سِتْرٌ فَلْيَتَوَضَّأْ وُضُوءَهُ لِلصَّلاةِ)) «سىلەردىن بىرىڭلار جىنسىي ئەزاسىنى — ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي ئەزاسى ئارىسىدا ھېچقانداق نەرسە بولمىغان ھالدا — بىۋاستە تۇتسا، ناماز ئۈچۈن ئالىدىغان تاھارەتنى ئالسۇن.» hedisim.com (سۇنەن داراقۇتنى 472)

ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنمايدۇ، دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىس ۋە ئۇنىڭ سەھىھ – زەئىپلىكى ھەققىدە

قەيس ئىبنى تەلىق دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلغان: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن زەكىرىنى تۇتۇش ھەققىدە سورالغاندا، رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:  ((لَيْسَ فِيهِ وُضُوءٌ إِنَّمَا هُوَ مِنْكَ)) «ئۇنى تۇتۇش سەۋەبلىك تاھارەت ئالمايسەن. چۈنكى ئۇ سېنىڭ بىر پارچاڭ دۇر.» (ئىبنى ماجە 483) ئۆلىمالار بۇ ھەدىسنىڭ سەھىھ – زەئىپلىكى توغرىسىدا ئىختىلاپلاشقان بولۇپ، ئىمام ئەھمەد، ئەبۇ خاتىم رازى، ئەبۇ زۇرئە رازى، داراقۇتنىي قاتارلىق بۈيۈك مۇھەددىسلەر بۇ مەزمۇندىكى ھەدىسنى زەئىپ دېگەن. ئىمام ئەھمەد «ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئۆزىگە يېتىپ كەلگەن ھەدىسلەر بىلەن «ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنمايدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسلەرنى تەكشۈرۈپ، ھەر ئىككى مەزمۇندىكى ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئىللەت بارلىقىنى بايان قىلغاندىن كېيىن، «ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسنى تېخىمۇ كۈچلۈك دەپ قاراپ، مۇشۇ ھۆكۈم بويىچە يول تۇتقان. ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەتنىڭ سۇنىدىغانلىقى جۇمھۇر ئەھلى ئىلىمنىڭ ھۆكمىدۇر.

نۇرغۇنلىغان ئۆلىمالار «ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنمايدۇ» دېگەن ھۆكۈم ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىكى ھۆكۈم ئىدى. كېيىن بۇ ھۆكۈم ئەمەلدىن قېلىپ، «ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدۇ» دېگەن ھۆكۈم يولغا قويۇلغان، دەپ قارايدۇ. بۇ ئەسىرىمىزنىڭ مۇجەددىدى، مۇھەددىس فەقىھ ئىمام ئىبنى بازنىڭمۇ كۆز قارىشىدۇر.

بىر تۈركۈم ئالىملار قەستەن تۇتسا تاھارەت ئالىدۇ، قەستەنسىزلىك بىلەن قولى بىۋاستە تېگىپ كەتكەن بولسا، تاھارەت ئالمايدۇ، دېگەن.

ئىبنى ئابدۇلبەر «تەمھىيد» ناملىق ئەسىرىدە (17/ 194) مۇنداق دېگەن:

«ئەۋرەتنى تۇتقاندا (تاھارەت سۇنۇش ئۈچۈن) شەرت قىلىنىدىغىنى قول بىلەن ئەۋرەت ئوتتۇرىسىدا بىرەر توسالغۇ ياكى پەردە بولماسلىقى، شۇنداقلا قەستەن ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن تۇتقان بولۇشى كېرەك. چۈنكى ئەرەبلەر بىرەر ئىشنى قىلغۇچىنى، شۇ ئىشقا نىسبەتەن قەستى (مەقسىتى) بولمىغۇچە «قىلغۇچى» دەپ ئاتىمايدۇ. بۇ مەسىلىنىڭ ھەقىقىتى مانا بۇ. ئەۋرەتنى تۇتۇشتىكى قەست (مەقسەت) بولسا، كۆپىنچە ھاللاردا ئالقاننىڭ ئىچى بىلەن تۇتۇشتا كۆرۈلىدۇ.»

ئاندىن ئۇ شۇ بابنىڭ ئاخىرىدا (17/ 205) يەنە مۇنداق دېگەن:

«بۇ بابتىكى مېنىڭ قارىشىم شۇكى: تاھارەت پەقەت ئۆز ئەۋرىتىنى قەستەن ۋە (رەختسىز) بىۋاسىتە تۇتقان كىشىگىلا ۋاجىپ بولىدۇ. ئەمما بۇنىڭدىن باشقا ھالەتلەردە (يەنى قەستەن بولمىسا ياكى توسالغۇ سىرتىدىن بولسا)، مەيلى ئۆزىنىڭ ياكى باشقىنىڭ ئەۋرىتى بولسۇن، تاھارەتنى ۋاجىپ قىلمايدۇ. چۈنكى ئاشكارا قائىدە ۋە ئەسلى پىرىنسىپ شۇكى: (ئەسلىدە بارلىقىغا) ئىتتىپاق كېلىنگەن تاھارەت، پەقەت يەنە بىر ئىتتىپاق (ئىجىمائ) بىلەن، ياكى باشقىچە چۈشەندۈرۈشكە (تەئۋىلگە) ئورۇن قالدۇرمايدىغان دەرىجىدىكى ئېنىق، سەھىھ سۈننەت (ھەدىس) بىلەنلا سۇنىدۇ.» (ئىمام ئىبنى ئابدۇلبەردىن ئېلىنغان نەقىل ئاخىرلاشتى.)

ئىمام ئىبنى باز «ئەۋرەتنى تۇتۇش سەۋەبلىك تاھارەت سۇنمايدۇ» ھەدىسىنىڭ ھۆكمى ئەمەلدىن قالغان ھەدىس ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بولۇپ مۇنداق دېگەن:

بۇسرە رەزىيەللاھۇ ئەنھا نەقىل قىلغان «ئەۋرەتنى تۇتۇش سەۋەبلىك تاھارەت سۇنىدۇ» ھەدىس تاھارەتنىڭ سۇندۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
باشقا ئالىملار بولسا «(بۇ ئىككى زىت ھەدىس ئوتتۇرىسىدا) تەرجىھ (دەلىلى كۈچلۈك بولغىنىنى تاللاش) يولى تۇتۇلىدۇ؛ چۈنكى تەلق رىۋايەت قىلغان ھەدىسنىڭ بىرىنچى، بۇسرەنىڭ ھەدىسىنىڭ ئاخىرقى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر تارىخىي مەلۇمات يوق، شۇڭا تەرجىھ يولىنى تۇتۇش لازىم»

قانداقلا مۆلچەرلىمەيلى، ئەگەر تەلقنىڭ ھەدىسىنى بۇرۇنقى ھۆكۈم دەپ قاراپ، «نسخ» (ئەمەلدىن قالدۇرۇش) يولىنى تۇتساق، ھېچقانداق زىددىيەت قالمايدۇ. ئەگەر نەسخنىڭ (ئەمەلدىن قالدۇرۇشنىڭ) شەرتلىرى تېپىلمىغان تەقدىردىمۇ، بۇسرەنىڭ («ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدۇ» مەزمۇندىكى) ھەدىسى ۋە شۇ مەنىدىكى باشقا رىۋايەتلەر — ئىمام بۇخارى ئېيتقاندەك — ئەڭ سەھىھتۇر ۋە ئەمەل قىلىنىشقا ئەڭ لايىقتۇر. (ئىمام ئىبنى باز : «شرح بلوغ المرام (الشرح القديم)»)

خۇلاسە:
بۇ مەسىلە ھەم سەلەپ دەۋرىدە، ھەم خەلەپ دەۋرىدە كۈچلۈك تالاش – تارتىش بولغان مەسىلە بولۇپ، مەيلى قەيەردىنلا قارىمايلى، بۇ بىر – بىرىگە زىت ئىككى خىل ھۆكۈمنىڭ چوقۇم بىرى توغرا، ئىككىلىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئەگەر ئىككىلىسى توغرا دېيىلسە، ئۇ ھالدا ئەۋرىتىنى تۇتقان ئادەمنىڭ تاھارەت بىرلا ۋاقىتتا ھەم سۇنغا، ھەم سۇنمىغان بولۇپ قالىدۇ. «تاھارەت سۇنمايدۇ» ھەدىسىنى تۇتۇۋېلىپ، «تاھارەت سۇنىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ھەدىسلەرگە دۈمبىنى قىلىۋېلىش — خەتەرگە ئالدىنى قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ۋە رەسۇلىنىڭ نەزىرىدە «تاھارەت سۇنىدىغانلىقى» توغرا بولغان تەقدىردە، ئەۋرىتىنى تۇتۇپ تاھارەت ئالماي ناماز ئوقۇغان ئادەم خاتا ئىشنى قىلغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر، «ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنمايدىغانلىقى» ھەدىسى سۇنمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەدىسىدىن سەھىھراق بولدى، دەيدىغان تەسەۋۋۇردىكى بىر مۇمكىنچىلىك بولغان تەقدىردىمۇ، «ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنىدۇ» دېگەن ھەدىسنى تۇتۇش كىشىنى خاتالىققا چۈشۈپ قېلىشتىن ساقلايدۇ.
ئەگەر سەھرادا ياشايدىغان  بىر ئائىلىدە «ئىشىكتىن چىققاندا ئاياقنىڭ ئىچىنى تەكشۈرۈۋېتىش لازىم، چۈنكى ئىچىگە يىلان، چايانلار كىرىۋالغان بولۇشى مۇمكىن» دەيدىغان بىر قائىدە بولسا، باشقا  بىر ئائىلىدە «ئىشىكتىن چىققاندا ئاياقنىڭ ئىچىنى تەكشۈرۈش ھاجەتسىز» دەيدىغان بىر قائىدە بولسا، ئېھتىياتچان ۋە ئاقىل ئادەم باشتىكى ئائىلىنىڭ قائىدىسىنى كىشىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئەڭ ئۇزاق قائىدىكەن، دەپ شۇنى تاللايدۇ.
«ئەۋرەتنى تۇتسا تاھارەت سۇنامدۇ، سۇنمامدۇ» مەسىلىسىمۇ دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ئاقىل ئادەم — بەئەينى ئىمام ئەھمەدتەك، زىياندىن ساقلىنىش يولىنى تۇتقان يۇقىرىقى مىسالدىكى ئائىلىدەك — بىخەتەر يولنى تۇتىدۇ.


رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ