ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((إن اللَّه وملائكته حتى النملة في جحرها، وحتى الحوت في البحر، ليصلون على معلم الناس الخير)) «پەرىشتىلەر، ھەتتا ئۇۋىسىدىكى چۈمۈلىلەر، ھەتتا دېڭىزدىكى بېلىقلارغىچە كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچىگە رەھمەت ۋە مەغفىرەت تىلەيدۇ.» hedisim.com (ئەلبانى: صحيح الجامع الصغير وزيادته ١/٣٧٦، سەھىھ) ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەللامە سالىھ فەۋزان بۇ ھەدىستىكى «ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچى» نى — كىشىلەرگە پايدىلىق دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگەتكۈچىلەرنى كۆرسىتىدۇ، دەپ شەرھلىگەن. [شرح حديث: إن الله وملائكته يصلون على معلم الناس الخير]
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: (مُعَلِّمُ الْخَيْرِ يَسْتَغْفِرُ لَهُ كُلُّ شَيْءٍ ، حَتَّى الْحُوتُ فِي الْبَحْرِ) «كىشىلەرگە ياخشىلىقنى ئۆگەتكۈچى ئۈچۈن ھەممە نەرسە مەغفىرەت تىلەيدۇ. ھەتتا دېڭىز – ئوكيانلاردىكى بېلىقلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.» hedisim.com (دارىمى 348، ئىبنى ئەبى شەيبە 25539)
