مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا مِنْ مُصِيبَةٍ تُصِيبُ الْمُسْلِمَ إِلاَّ كَفَّرَ اللَّهُ بِهَا عَنْهُ، حَتَّى الشَّوْكَةِ يُشَاكُهَا )) «مۇسۇلمانغا ھەر قانداق مۇسىبەت يەتسە، ئۇنىڭغا يەتكەن بۇ مۇسىبەت سەۋەبلىك ئاللاھ ئۇنىڭ (كەلگەن مۇسىبەت مىقدارىدىكى كىچىك*) گۇناھىنى يۇيۇۋېتىدۇ. ھەتتا، بۇ مۇسىبەت ئۇنىڭ بەدىنىگە كىرگەن تىكەنچىلىك (كىچىك) مۇسىبەت بولغان تەقدىردىمۇ شۇنداق.» hedisim.com (بۇخارى 5640، مۇسلىم 2572، نەسائىي 7189، بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 6038) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((مَا يُصِيبُ الْمُسْلِمَ مِنْ نَصَبٍ وَلاَ وَصَبٍ وَلاَ هَمٍّ وَلاَ حُزْنٍ وَلاَ أَذًى وَلاَ غَمٍّ حَتَّى الشَّوْكَةِ يُشَاكُهَا، إِلاَّ كَفَّرَ اللَّهُ بِهَا مِنْ خَطَايَاهُ)) «مۇسۇلمانغا يەتكەن ھەر قانداق ھارغىنلىق، كېسەللىك، غەم، قايغۇ، ئەزىيەت ۋەياكى ئەندىشە، ھەتتا ئۇنىڭ بەدىنىگە سانجىلىپ كەتكەن تىكەن سەۋەبلىك، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بىر قىسىمىنى مەغفىرەت قىلىۋېتىدۇ.» hedisim.com (بۇخارى 5641) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
