ئەبۇ بەكرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (قالَ رسولُ اللَّه صَلّى اللهُ عَلَيْهِ وسَلَّم: «ألا أُنبِّئكُم بِأكْبَرِ الكَبائِر؟ قُلنَا: بَلَى يَا رسولَ اللَّهِ. قَالَ:»الإشراكُ باللَّه، وعُقُوقُ الوالِديْنِ»وكان مُتَّكِئا فَجلَس، فَقَالَ:»ألاَ وقَوْلُ الزُّورِ، وشهادةُ الزورِ»فَمَا زَالَ يُكَرِّرُهَا حَتَّى قلنا: لَيْتَهُ سكَت.) رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم بىزگە «گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىنى سىلەرگە دەپ بەرمەيمۇ؟» دېۋىدى، بىز «شۇنداق قىلغايلا، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى» دېدۇق. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم: «(چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى) ئاللاھقا شىرىك قوشۇش؛ ئاتا-ئانىنى قاقشىتىپ، ئاتا-ئانىغا ۋاپاسىزلىق قىلىش» دېدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (بۇلارنى دەۋاتقاندا) يۆلىنىپ ئولتۇرغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم (دەرھال) رۇسلىنىپ ئولتۇرۇپ «ئاگاھ بولۇڭلار، (گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭى يەنە) يالغان سۆزلەش ۋە يالغان گۇۋاھلىق بېرىش» دەپ، بۇ سۆزىنى شۇنچە كۆپ قېتىم تەكرار-تەكرار ئېيتتىكى، ئاقىۋەتتە بىز «كاشكى ئەمدى توختاپ قالغان بولسىچۇ» دەپ كېتىشتۇق. hedisim.com (بۇخارى 5519؛ مۇسلىم 126؛ رىيازۇس سالىھىن 1551) | ھەدىس خەزىنىسى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
