ھەدىس | بامداتنىڭ سۈننىتىدە ۋە شامنىڭ سۈننىتىدە سۈرە كافىرۇن بىلەن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇدى

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: رَمَقْتُ النَّبِيَّ ﷺ أربعا وعشرين مرة أوْ خَمْسًا وعِشْرِينَ مَرَّةً يَقْرَأُ فِي الرَّكْعَتَيْنِ قَبْلَ الفَجْرِ والرَّكْعَتَيْنِ بَعْدَ المَغْرِبِ بِ قُلْ يا أيُّها الكافِرُونَ وقُلْ هُوَ اللَّهُ أحَدٌ «رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ (نامىزىنى) يىگىرمە تۆت — ياكى يىگىرمە بەش — قېتىم كۆزىتىپ تۇردۇم. (مەن كۆزەتكەن پەيتلەرنىڭ ھەممىسىدە) بامداتنىڭ سۈننىتىدە ۋە شامنىڭ سۈننىتىدە سۈرە كافىرۇن بىلەن سۈرە ئىخلاسنى ئوقۇدى.» hedisim.com  (مۇسنەد ئەھمەد 2\95؛ سەھىھ ھەدىس؛ تەپسىر ئىبنى كەسىر تەخرىجىدە ھەر ئىككى ھەدىسنى بۇخارى مۇسلىمنىڭ شەرتىگە چۈشىدىغان سەھىھ ھەدىس دەپ باھالانغان) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ