سەھل ئىبنى سەئد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سورۇنلىرىدىن بىرىگە داخىل بولغان ئىدىم. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئۇ سورۇنىدا بىزگە جەننەتنى سۈپەتلەپ بەرگەن ئىدى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇنۇلارنى دېگەن ئىدى: «جەننەتتە كۆزلەر كۆرۈپ باقمىغان، قۇلاقلار ئاڭلاپ باقمىغان، ئىنسان بالىسىنىڭ قەلبىدىن كېچىپمۇ باقمىغان (تەسۋىرلىگۈسىز ئالىي) نېمەتلەر بار.» ئاندىن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى: {تَتَجَافَى جُنُوبُهُمْ عَنِ الْمَضَاجِعِ يَدْعُونَ رَبَّهُمْ خَوْفًا وَطَمَعًا وَمِمَّا رَزَقْنَاهُمْ يُنْفِقُونَ * فَلاَ تَعْلَمُ نَفْسٌ مَا أُخْفِيَ لَهُمْ مِنْ قُرَّةِ أَعْيُنٍ جَزَاءً بِمَا كَانُوا يَعْمَلُونَ} {(كېچىلىك ناماز ئوقۇش ئۈچۈن تۆشىكىدىن ئايرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن1) ئۇلارنىڭ يانلىرى ئورۇن-كۆرپىدىن ئۇزاقلىشىدۇ، (بىر تەرەپتىن، قىلغان سالىھ ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل قىلىنماي قېلىشىدىن ئەنسىرەش، شۇنداقلا ئاللاھنىڭ ئازابىدىن 2) قورقۇش ئىچىدە، (يەنە بىر تەرەپتىن قىلغان سالىھ ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولۇنۇپ قېلىشىدىن ۋە ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىدىن2) ئۈمىدلىنىش ئىچىدە ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. بىز بەرگەن رىزقتىن (ياخشىلىق يوللىرغا) سەرپ قىلىدۇ. ئۇلار قىلغان سالىھ ئەمەللەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تەييارلانغان، ئۇلارغا خۇشاللىق ۋە چەكسىز لەززەت بېغىشلايدىغان4 كاتتا نېمەتلەرنى (يەنى ئۇلارغا قانداق نېمەتلەرنىڭ تەييارلاپ قويۇلغانلىقىنى ئاللاھتىن باشقا) ھېچكىم بىلمەيدۇ.} (سۈرە سەجدە 16-،17-ئايەتلەر) hedisim.com | | سەھىھۇل مۇسلىم 2825-نومۇرلۇق ھەدىس [1.تەپسىر ئىبنى كەسىر، تەپسىر سەئدى 2.3.4. تەپسىر سەئدى] — قۇدرەت بارات تەرجىمىسى
