ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن: ((السّاعِي على الأرْمَلَةِ والمِسْكِينِ كالْمُجاهِدِ في سَبيلِ اللَّهِ، أوْكالَّذِي يَصُومُ النَّهارَ ويقومُ اللَّيْلَ)) «موھتاج تۇل ئايالنىڭ ۋە يوقسۇل-مىسكىننىڭ ئېھتىياجىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن كىشى (پەزىلەت جەھەتتە) ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىدىغان مۇجاھىدقا، ياكى كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى تەھەججۇد ئوقۇيدىغان (ئىبادەتگۇي مۆمىنگە) ئوخشاشتۇر.» hedisim.com (بۇخارى 6006، مۇسلىم 2982، تىرمىزى 1969، ئىبنى ماجە 2140، نەسائىي 2577، نەسائىي: سۇنەن كۇبرا 2341، سەھىھ ئىبنى ھىببان 4245، بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا 11730، بۇخارى: ئەدەب ئەلمۇفرەد 131، رىيازۇس سالىھىن 265، ) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلدى
