زاكاتنىڭ قىممىتىنى بېرىش جائىزمۇ؟
پەتىۋا بەرگۈچى: شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييە
مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
دىققەت: رەسۇلۇللاھ ۋە ساھابىلەردىن فىتىر زاكىتىغا يېمەكلىك بېرىش ھەققىدىكى ئونلارچە سەھىھ دەلىلگە پەرۋا قىلماستىن «پۇل بېرىش ئەۋزەل» دەپ، دىنىي ھۆكۈملەرنى ئۆز نەپسى-خاھىشى بويىچە بەلگىلىۋالىدىغان كىشىلەر «فىتىر زاكىتى ئۈچۈن پۇل بېرىشنىڭ توغرىلىقى»غا شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەنىمۇ سۆرەپ ئەكىرىۋالغان بولۇپ، دەل بىز تەرجىمە قىلغان مۇشۇ پەتىۋانىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلماستىنلا، «ئىبنى تەيمىييەمۇ فىتىر زاكىتىنىڭ قىممىتىنى بەرسە بولىدۇ دېگەن» دەپ ھىيلە ئىشلىتىدۇ. ئۇلاردىن «بۇ گەپنىڭ مەنبەسى قېنى» دەپ سورىغۇچىلارغا «مەجمۇئۇل فەتاۋا» 25 – جىلد، 83-بەت دېيىشىدۇ. كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار دىنىي مەنبەلەرنى ئاقتۇرۇپ تېپىش ۋە ئوقۇپ چۈشىنىشكە قادىر بولالمىغانلىقى ئۈچۈن، ھېچكىممۇ زادى شەيخۇل ئىسلام بۇ ھەقتە نېمە دېگەن دەپ ئاقتۇرۇپ باقمايدۇ. ھالبۇكى، شەيخۇل ئىسلامنىڭ بۇ پەتىۋاسى فىتىر زاكىتى ئۈچۈن قىممىتىنى بېرىش ھەققىدە ئەمەس، زاكات مالنىڭ ئۈچۈن قىممىتىنى بېرىش ھەققىدىكى پەتىۋادۇر. شەرئىي ھۆكۈملەرگە ھىيلە ئىشلەتكۈچى ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلى ئۆز ھاۋايى ھەسىۋىنى راست قىلىپ پەردازلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۆلىمالارنىڭ پەتىۋالىرىغىمۇ ئۆز يالغانلىرىنى قېتىۋەتكەن. ئۇلارنىڭ «ئىبنى تەيمىييە پىتىر زاكىتىغا پۇل بېرىش دۇرۇس دەيدۇ» دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان گەپ. ئۇلار دەلىل قىلىپ كۆسەتكەن جىلد ۋە بەت نومۇرىغا قارىغىنىمىزدا، بۇ ھەقتىكى پەتىۋانىڭ فىتىر زاكىتى ھەققىدە ئەمەسلىكىنى كۆرىمىز ۋە ھاۋايى – ھەۋەس ئەھلىنىڭ دىننى بۇرمىلىشىغا ئوچۇق شاھىت بولىمىز.
شەيخۇل ئىسلام ئىبنى تەيمىييەدىن (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) مۇنداق سورالدى: زاكاتتا مالنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى قىممىتىنى (پۇلىنى) بېرىشنىڭ ھۆكمى نېمە؟ چۈنكى بۇ نۇرغۇن ئەھۋاللاردا كەمبەغەللەر ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ. بۇ جائىزمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟
ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
زاكات، كاپارەت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىبادەتلەردە پۇلنى (مالنىڭ قىممىتىنى) بېرىشكە كەلسەك، مالىك ۋە شافىئىي مەزھىبىدە بۇنىڭ جائىز ئەمەسلىكى مەشھۇردۇر. ئەبۇ ھەنىفەنىڭ قارىشىدا جائىزدۇر. ئىمام ئەھمەد (ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن) بولسا بەزى ئورۇنلاردا پۇل بېرىشنى مەنئى قىلغان، بەزى ئورۇنلاردا رۇخسەت قىلغان. ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن بەزىلىرى بۇ ھەقتىكى ئېنىق بۇيرۇقنى (نەسنى) ئۆز پېتى قوبۇل قىلغان. بەزىلىرى بولسا بۇ مەسىلىنى ئىمام ئەھمەدتىن كەلگەن ئىككى خىل رىۋايەت دەپ قارىغان.
بۇ مەسىلىدە ئەڭ توغرا بولغان قاراش شۇكى: ھېچقانداق ھاجەت بولمىسا ياكى كۆرۈنەرلىك بىر مەنپەئەت بولمىسا، زاكات ماللىرىنىڭ ئورنىغا پۇل بېرىش مەنئى قىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم زاكاتتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش ئۈچۈن «ئىككى قوي ياكى يىگىرمە دىرھەم» دەپ مىقدار بەلگىلىگەن. ئەمما ئۇنىڭ قىممىتىگە (بازار باھاسىغا) قاراپ بېرىشنى ئېيتمىغان. چۈنكى پۇل بېرىشكە شەرتسىز رۇخسەت قىلىنسا، مال ئىگىسى باھا بېكىتكەندە ئۆزىگە قۇلايلىق بولغان ناچارراق نەرسىلەرنى تاللىۋېلىشى مۇمكىن، نەتىجىدە باھا بېكىتىشتە ئادالەتسىزلىك كۆرۈلىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، زاكاتنىڭ ئاساسى «ياردەملىشىش» ئۈستىگە قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مالنىڭ مىقدارىدا ۋە تۈرىدە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ.
ئەمما ھاجەت تۇغۇلغاندا، ياكى بىرەر كۆرۈنەرلىك مەنپەئەت بولسا، ياكى ئادالەت يۈزىسىدىن پۇل بېرىلسە، بۇنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يوق. مەسىلەن: بىر كىشى بېغىنىڭ مېۋىسىنى ياكى زىرائىتىنى پۇلغا سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ چاغدا شۇ پۇلنىڭ ئوندىن بىرىنى زاكات قىلىپ بەرسە كۇپايە قىلىدۇ. ئۇ كىشىگە «سەن قايتىدىن مېۋە ياكى بۇغداي سېتىۋېلىپ زاكات بەر» دەپ يۈك يۈكلەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللىبۇرۇن كەمبەغەللەرگە ئۆز مال-مۈلكىنىڭ مىقدارىدا باراۋەر ياردەم قىلغان بولىدۇ. ئىمام ئەھمەد بۇنىڭ جائىزلىقىنى ئېنىق تىلغا ئالغان.
يەنە بىر مىسال: بەش تۆگىسى بار ئادەمگە بىر قوي زاكات بېرىش ۋاجىپ بولسا-يۇ، لېكىن يېنىدا قوي ساتىدىغان ئادەم بولمىسا، ئۇ چاغدا قوينىڭ پۇلىنى بەرسە كۇپايە قىلىدۇ. ئۇنىڭغا «قوي سېتىۋېلىش ئۈچۈن باشقا بىر شەھەرگە بار» دەپ مەجبۇرىيەت يۈكلەنمەيدۇ.
شۇنىڭدەك، زاكاتقا ھەقلىق بولغانلار ئۆزلىرىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن زاكاتنى پۇل شەكلىدە بېرىشنى تەلەپ قىلسا، ياكى زاكات يىغقۇچى مەسئۇل كىشى پۇلنى ئېلىشنىڭ كەمبەغەللەر ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسە، پۇل بېرىلسە بولىدۇ. بۇ خۇددى مۇئاز ئىبنى جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان مۇنۇ ۋەقەگە ئوخشاشتۇر: ئۇ يەمەن ئەھلىگە: «ماڭا (زاكات ئورنىغا) كىيىم-كېچەك ياكى رەخت ئېلىپ كېلىڭلار، بۇ سىلەر ئۈچۈن ئاسان، مەدىنىدىكى مۇھاجىر ۋە ئەنسارلار ئۈچۈن بولسا تېخىمۇ پايدىلىقتۇر» دېگەن. بەزىلەر مۇئاز بۇ سۆزنى زاكات ھەققىدە ئېيتقان دېسە، يەنە بەزىلەر جىزيە ھەققىدە ئېيتقان دەيدۇ. (مەجمۇئۇل فەتاۋا 25-جىلد، 83-بەت) | مۇجتەھىد تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
