ھەدىس | بىرىڭلارنىڭ ئالدىغا تاماق قويۇلغاندا نامازغا قامەت ئوقۇلسا، ئىشنى تاماق يېيىشتىن باشلاڭلار، تاماقتىن بىكار بولمىغۇچە نامازغا ئالدىراپ كەتمەڭلار

ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: ((إِذَا وُضِعَ عَشَاءُ أَحَدِكُمْ وَأُقِيمَتِ الصَّلاَةُ فَابْدَءُوا بِالْعَشَاءِ، وَلاَ يَعْجَلْ حَتَّى يَفْرُغَ مِنْهُ)) وَكَانَ ابْنُ عُمَرَ يُوضَعُ لَهُ الطَّعَامُ وَتُقَامُ الصَّلاَةُ فَلاَ يَأْتِيهَا حَتَّى يَفْرُغَ، وَإِنَّهُ لَيَسْمَعُ قِرَاءَةَ الإِمَامِ «بىرىڭلارنىڭ ئالدىغا تاماق قويۇلغاندا نامازغا قامەت ئوقۇلسا، ئىشنى تاماق يېيىشتىن باشلاڭلار، تاماقتىن بىھاجەت بولمىغۇچە نامازغا ئالدىراپ كەتمەڭلار.» (بۇ ھەدىسنى نەقىل قىلغان ساھابە ئىبنى ئۆمەرنىڭ شاگىرتى نافىئ مۇنداق دەيدۇ:) ئىبنى ئۆمەرنىڭ ئالدىغا تاماق قويۇلغاندا نامازغا تەكبىر ئوقۇلۇپ قالسا، ئىبنى ئۆمەر تائامدىن بىھاجەت بولغۇچە يەۋالغانغا قەدەر نامازغا كەلمەيتتى. ئۇ تاماق يەۋاتقاندا قۇلىقىغا ئىمامنىڭ تىلاۋىتى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. | hedisim.com | (سەھىھۇل بۇخارى 673-ھەدىس) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى

ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى

عَنِ ابْنِ عُمَرَ، قَالَ قَالَ رَسُولُ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم » إِذَا وُضِعَ عَشَاءُ أَحَدِكُمْ وَأُقِيمَتِ الصَّلاَةُ فَابْدَءُوا بِالْعَشَاءِ، وَلاَ يَعْجَلْ حَتَّى يَفْرُغَ مِنْهُ «. وَكَانَ ابْنُ عُمَرَ يُوضَعُ لَهُ الطَّعَامُ وَتُقَامُ الصَّلاَةُ فَلاَ يَأْتِيهَا حَتَّى يَفْرُغَ، وَإِنَّهُ لَيَسْمَعُ قِرَاءَةَ الإِمَامِ

 

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ