ھەدىس | قانچىلىك مىقداردىكى سۇدا غۇسل قىلىش دۇرۇس بولىدۇ

حَدَّثَنَا عَبْدُ اللَّهِ بْنُ مُحَمَّدٍ، قَالَ حَدَّثَنَا يَحْيَى بْنُ آدَمَ، قَالَ حَدَّثَنَا زُهَيْرٌ، عَنْ أَبِي إِسْحَاقَ، قَالَ حَدَّثَنَا أَبُو جَعْفَرٍ، أَنَّهُ كَانَ عِنْدَ جَابِرِ بْنِ عَبْدِ اللَّهِ هُوَ وَأَبُوهُ، وَعِنْدَهُ قَوْمٌ فَسَأَلُوهُ عَنِ الْغُسْلِ،. فَقَالَ يَكْفِيكَ صَاعٌ. فَقَالَ رَجُلٌ مَا يَكْفِينِي. فَقَالَ جَابِرٌ كَانَ يَكْفِي مَنْ هُوَ أَوْفَى مِنْكَ شَعَرًا، وَخَيْرٌ مِنْكَ ، ثُمَّ أَمَّنَا فِي ثَوْبٍ.

ئىمام بۇخارى ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: بىزگە ئابدۇللاھ ئىبنى مۇھەممەد ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېدى، بىزگە يەھيا ئىبنى ئادەم ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېدى، بىزگە زۇھەير ئەبۇ ئىسھاقتىن ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېدى، ئەبۇ جەئفەر بىزگە سۆزلەپ مۇنداق دېدى: مەن ۋە دادام ئىككىمىز جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ بىلەن بىللە ئىدۇق. جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ يېنىدا بىر تۈركۈم كىشىلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇلار ئۇ زاتتىن غۇسل توغرۇلۇق سورىدى. ھەزىرتى جابىر: «بىر سائ سۇ ساڭا يېتىدۇ» دېۋىدى، سوئال سورىغۇچى: «(غۇسل قىلىشىمغا بىر سائ سۇ) يەتمەيدۇ» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېدى: «بىر سائ سۇ غۇسل قىلىشى ئۈچۈن چېچى سەندىنمۇ قويۇق ۋە سەندىنمۇ ئەۋزەل زاتقا (يەنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە) يېتەتتى.» جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇشۇ جاۋابتىن كېيىن، ئۇچىسىغا بىرلا كىيىم كىيگەن ھالەتتە بىزگە ئىمام بولۇپ ناماز ئوقۇپ بەردى. | hedisim.com | (بۇخارى 252) | قۇدرەت بارات تەرجىمىسى

* بىر سائ سۇ 2.1 لېتىردىن سەللا ئارتۇق مىقداردىكى سۇدۇر.

رەسۇلۇللاھنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى تارقىتىش كاتتا ئىبادەتتۇر، ھەمبەھرلەش ئارقىلىق ساۋابقا ئېرىشىڭ

Leave a Reply

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ