ئاياللار ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە بېرىپ سۇ ئۈزسە بولامدۇ؟ئاياللار دېڭىزدا سۇ ئۈزسە بولامدۇ؟ ئاياللار بەدىنىنى تولۇق ياپماستىن يات ئەرلەرگە كۆرۈنسە بولامدۇ؟
تۆۋەندىكى ئىككى ھەدىستە بۇنىڭ جاۋابلىرى مەۋجۇت.
جابىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس سۆزلەپ، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان: «ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشى ئايالىنى ئاممىۋى مۇنچىغا كىرگۈزمىسۇن؛ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان ئەر ئاممىۋى مۇنچىغا كىرسە، بېلىنىڭ ئاستىنى ئوراپ تۇرىدىغان كىيىم بولۇش شەرتى بىلەن كىرسۇن؛ ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنگەن كىشى ھاراق ئىچىلىدىغان داستىخاندا ئولتۇرمىسۇن.» hedisim.com (ئەھمەد، تىرمىزى، تەبرانى، ئەبۇ يەئلا قاتارلىق ئىماملار توپلىغان؛ ھاكىم: مۇستەدرەك 7779؛ ھاكىم، زەھەبى، ئەلبانى سەھىھ دېگەن) | ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى | ھەدىسنىڭ ئەرەپچە تېكىستى: مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَلَا يُدْخِلْ حَلِيلَتَهُ الْحَمَّامَ، وَمَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَلَا يَدْخُلِ الْحَمَّامَ إِلَّا بِمِئْزَرٍ، وَمَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللَّهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ فَلَا يَجْلِسْ عَلَى مَائِدَةٍ يُدَارُ عَلَيْهَا الْخَمْرُ» هَذَا حَدِيثٌ صَحِيحٌ عَلَى شَرْطِ مُسْلِمٍ وَلَمْ يُخَرِّجَاهُ
بۇ ھەدىس ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگىمۇ قىياس قىلىنىدۇ. ھاۋا ئىسسىپ كەتتى. ئاياللار ئاممىۋى سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىگە بېرىپ سۇ ئۈزۈش كىيىمى بىلەن سۇ ئۈزىدىغان ئەھۋاللارغا قارىتا شىكايەتلەر ئاۋۇپ كەتتى. «ئۇ يەردە يات ئەر بولمىسا» دەپ شىكايەت قىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ ھەدىستە رەسۇلۇللاھ ئاياللارنى يات ئەر بولمىغان ئاممىۋى مۇنچىغا بېرىشتىنمۇ چەكلىدى. چۈنكى بۇنداق قىلىش ئىپپەت – ھاياغا زىت، ھارامغا يول ئاچىدۇ. سۇ ئۈزۈش كۆلچىكىدە ۋەقەگە ئۇچرايدىغان ئىش يۈز بەرسە ئەر ئىشلەمچىلەر سۈزۈپ چىقىدۇ. ياكى ئەرلەر كۆرۈپ قالىدىغان ئىش يۈز بېرىدۇ. ياكى باشقا ئاياللار بىر ئايالنىڭ بەدەن شەكلىنى باشقا ئەرلەرگە سۈپەتلەپ بېرىدۇ، نەتىجىدە ئۇ يات ئەر ئۇ ئايالنى – ھەدىستە كەلگەندەك – ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندەك بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىپپەت ھاياغا زىت، ھارامغا يول ئاچىدىغان مۇنكەر ئىشلار. ئاللاھ مۇسۇلمان خانىم قىزلارنى ئىپپەت ھايادىن، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنى، دادىلىرىنى ۋە قېرىنداشلىرىنى كۈنلەمچىلىك ئەخلاقىدىن ئايرىمىسۇن. رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: «قايسى بىر ئايال ئۆز ئۆيىدىن باشقا جايدا كىيىمىنى سالسا، ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلىغان بولىدۇ.» تۆۋەندە مۇشۇ ھەقتىكى ھەدىس نەقىل قىلىنىدۇ.
عَنْ أَبِي الْمَلِيحِ، قَالَ دَخَلَ نِسْوَةٌ مِنْ أَهْلِ الشَّامِ عَلَى عَائِشَةَ – رضى الله عنها – فَقَالَتْ مِمَّنْ أَنْتُنَّ قُلْنَ مِنْ أَهْلِ الشَّامِ . قَالَتْ لَعَلَّكُنَّ مِنَ الْكُورَةِ الَّتِي تَدْخُلُ نِسَاؤُهَا الْحَمَّامَاتِ قُلْنَ نَعَمْ . قَالَتْ أَمَا إِنِّي سَمِعْتُ رَسُولَ اللَّهِ صلى الله عليه وسلم يَقُولُ » مَا مِنِ امْرَأَةٍ تَخْلَعُ ثِيَابَهَا فِي غَيْرِ بَيْتِهَا إِلاَّ هَتَكَتْ مَا بَيْنَهَا وَبَيْنَ اللَّهِ تَعَالَى «
ئەبۇ مەلىيھ رەھىمەھۇللاھ ھەدىس سۆزلەپ مۇنداق دېگەن: (شامغا تەۋە) ھىمس دېگەن يۇرتتىن كەلگەن بىر بۆلۈك ئايال ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ يېنىغا كەلدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ئۇلاردىن «سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟» دەپ سورىۋىدى، ئۇلار «شام دىياردىن كەلدۇق» دېدى. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا «سىلەر ئاياللىرى ھاممامغا كىرىدىغان يۇرتتىن كەلگەن بولۇشۇڭلار مۇمكىن» دېۋىدى، ئۇلار «شۇنداق» دېدى. ئاقىۋەتتە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېدى: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانمەن: «قايسى بىر ئايال ئۆز ئۆيىدىن باشقا جايدا كىيىمىنى سالسا، ئۆزى بىلەن ئاللاھ ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتىپ تاشلىغان بولىدۇ.» hedisim.com (ئەبۇ داۋۇد: سۇنەن، بەيھەقى: سۇنەن كۇبرا؛ تىرمىزى: سۇنەن؛ ئەبۇ داۋۇد تەيالىسىي: مۇسنەد؛ دارىمىي: مۇسنەد؛ تەبرانى: مۇئجەم كەبىر؛ سەھىھ ھەدىس) — ھەدىس خەزىنىسى تورى تەرجىمە قىلىپ تارقاتتى
ئاياللارنىڭ ھاممامىدا ئەر كىشى يوق. ئاياللار ھاممامىدا ئۇلارنىڭ ئوچۇق تۇرغان بەدىنىنى يات ئەر كىشى كۆرمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇغلۇق رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئاياللار ھاممامىغا كىرىدىغان ئاياللارنى «ئاللاھ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى پەردىنى يىرتقۇچى ئاياللار» يەنى ئاسىي ئاياللار دەپ سۈپەتلىگەن. ئۇنداقتا، كۈنىمىزدىكى، بەدەن ئەزالىرىنى ئوچۇق قويۇپ، ئەرلەرنىڭ خالىغانچە كۆرۈشىگە سۇنغان، بەدەن ئەزالىرىنى يات ئەرلەردىن يوشۇرماستىن كوچىغا چىقىدىغان ئاياللار — ئاياللار ھامماممىغا كىرگەن ئاياللاردىن تېخىمۇ بەك تەنقىتلىنىشكە ھەقلىقتۇر. بۇنداق ئاياللارنىڭ ئاللاھقا بولغان ئاسىيلىقى — ئاياللار ھاممامىغا كىرىشنى ئادەت قىلغان ئاياللارنىڭكىدىن مىڭلارچە ھەسسە ئۈستۈندۇر. ئوچۇق بەدەننى يېپىش، ئىسلامغا ئۇيغۇن كىيىنىش ھەر بىر قىز-ئايالغا پەرزدۇر. مەزكۇر ھەدىستە «ئۆز ئۆيىدىن باشقا جايدا كىيىمىنى سالغان ئايال» دەپ كەلگەن بولۇپ، كىيىشكە تېگىشلىك ئىسلامىي پۈركەنجىسىنى سېلىۋېتىپ (يەنى كىيمەستىن) سىرتقا چىققان ئايال بۇ ھەدىستىكى ئايالنىڭ دەل ئۆزىدۇر. باشقا بىر سەھىھ ھەدىستە بۇنداق ئاياللار «جەننەتنىڭ پۇرىقىنىمۇ پۇرىيالمايدۇ» دەپ كەلگەن.
